جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان «مەملىكەت بويىچە جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا كۆزىتىش ئەھۋالى (2025-يىلىنىڭ 47-ھەپتىسى)»دە كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە جىددىي دىياگنوز قويۇلغان تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىكلەر ئىچىدە، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ مۇسبەتلىك نىسبىتى %45كە يېقىنلىشىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇراھال تارقىلىش سەۋىيەسىگە كىرگەن، قىسمەن ئۆلكىلەردە يۇقىرى تارقىلىش سەۋىيەسىگە يەتكەن.
بۇ نۆۋەتلىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى، كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكى، دورا تاللاش ۋە مۇداپىئە تەدبىرى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا، 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىر پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ يوۋئەن دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى دۇڭزېڭنى زىيارەت قىلدى.
ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقىرى پەللىسى توغرىسىدا، لى دۇڭزېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر جەنۇب ۋە شىمالدىكى تارقىلىشچان زۇكام ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئۆرلەش سۈرئىتى بويىچە، قىسمەن ئۆلكىلەر 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۆلكىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقىرى پەللىسى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا كۆرۈلىدۇ؛ كېيىنكى يىلى 1-ئاينىڭ بېشىدا، مەملىكەت بويىچە تارقىلىشچان زۇكام ھەرىكىتى تۆۋەنلەش باسقۇچىغا كىرىشى مۇمكىن.
بۇ نۆۋەتلىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا، لى دۇڭزېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك تارقىلىشچان زۇكام A تىپلىق H3N2 نىڭ تارقىلىشىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى، ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە تەكشۈرۈش، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇنداق ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى.
بىرىنچى، نۆۋەتتە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئاساس قىلدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر مەكتەپلەردە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتى يەنىمۇ كۆپەيگەن، 5 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئاغرىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسبەت چىقىش نىسبىتى باشقا ياشتىكىلەردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. لى دۇڭزېڭ ئىلگىرى مۇنداق بىلدۈرگەن: بالىلارنىڭ تارقىلىشچان زۇكامغا بولغان ئىممۇنىتېت كۈچى نىسبەتەن تۆۋەن، دەرسخانا قاتارلىق سورۇنلاردا ئادەم زىچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسلىدە دالا پائالىيىتى ئاز بولغاچقا، توپلىشىش خاراكتېرلىك تارقىلىش ئاسان كۆرۈلدى.
ئىككىنچى، بۇ كېسەللىك كۆرۈلگەن كىشىلەر توپى تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، خىزمەتچىلەرگە يامراپ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا تەسىر كۆرسەتتى. لى دۇڭزېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بولۇپمۇ جەمئىيەت ئالاقە پائالىيىتى بىرقەدەر ئاز بولغان ياشانغانلار تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئائىلىسىدىكى يۇقۇملانغان ياشلاردىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. ئەسلىدىنلا ئاساس كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلاردا تارقىلىشچان زۇكامدىن كېيىن ئېغىر كېسەل پەيدا بولۇپ، بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىش خەۋپى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش يەنىلا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، ئەڭ ياخشى ئەملەش ۋاقتى ھەر يىلى كۈز پەسلىدىن باش قىشقىچە بولىدۇ، بىراق، بۇ ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويغان تەقدىردىمۇ، ھازىرقى باسقۇچتا ۋاكسىنا ئەملەش يەنىلا زۆرۈر، قانچە بالدۇر ئەملىسە شۇنچە ياخشى، بولۇپمۇ ئۆزى تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولمىغان، ئەمما شۇ جايدا تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىگەندە يۇقۇملىنىش خەۋپى ۋە ئېغىرلىشىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، نۆۋەتتە تاللاشقا بولىدىغان تارقىلىشچان زۇكامغا قارشى دورىلارنىڭ تۈرى مول. لى دۇڭزېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاسېلتامىۋىر(奥司他韦)، بورشاۋىل ماربوشىل(马巴洛沙韦)دىن باشقا، بۇ يىل يەنە 5 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارغا ماس كېلىدىغان بورشاۋىل ماربوشىل تالقىنى قوشۇلدى. ئونرادىۋىر(昂拉地位)، سۇراشاۋېر ماربوشىل(马舒拉沙韦)، فاۋىپىراۋىر(法维拉韦) قاتارلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تارقىلىشچان زۇكامغا قارشى دورىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى، دورىخانا، تور يوللىرى ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن جانلىق تاللىسا بولىدۇ.
كۈندىلىك ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، لى دۇڭزېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەنئەنىۋى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يەنىلا ئۈنۈملۈك، مەسىلەن، ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، ئادەم زىچ ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشنى ئازايتىش قاتارلىقلار، بۇ ئاددىي تەدبىرلەر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە شەخسىي يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈندىلىك ئادەت سۈپىتىدە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






