تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قۇملۇققا «ئالتۇن شارپا» توقۇلدى

بۇ يىل، بىڭتۇەن 14 - شى 224 - تۇەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە 73 مىڭ 800 مو يەردە بوز ئېچىپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، گازىر تاۋۇزى، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق تۈرلۈك زىرائەتلەرنى تېرىدى. سۈرەتتە: ئاپتوماتىك بېسىمدىكى سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى بۇغدايلىقنى سۇغارماقتا (11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تارتىلغان). □ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

باش قىش مەزگىلىدە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، قىزىلگۈل مايسىلىرى شامالدا يېنىك دولقۇنلاپ تۇراتتى. بۇ يەر تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، يىراقلارغا نەزەر سالغاندا، تۆت ئەتراپتىكى قىزىلگۈل، ياۋا چىلان، پىستە قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ قۇملۇقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، قەيسەرلىك بىلەن بىپايان قۇملۇققا قاراپ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

«بۇلتۇر، مەن گىرۋەك قاشالاش رايونىنىڭ يېنىدىن ھۆددە ئالغان 40 مو يەردىكى قىزىلگۈلنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %90تىن ئاشتى. بۇ يىل مەن يەنە 100 مو يەرنى ھۆددە ئېلىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسى بايراق كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەمتىمىن تۇردى.

2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دەل كېرىيە ناھىيەسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، كەڭلىكى 50 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر كېلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بوش رايونغا قىزىلگۈل كۆچىتى تىكىلىشىگە ئەگىشىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن قۇم توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىدا گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.

گىرۋەك قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، شۇ جاي ئۈزلۈكسىز تۈردە «يېشىل شارپا»نى قېلىن توقۇدى، «ئالتۇن شارپا»نى توقۇدى، قولغا كەلتۈرۈلگەن مول ھاسىلاتلار كىشىنى خۇشاللاندۇردى − ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بىلەن خەلقنى بېيىتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار بېيىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. ھازىرغىچە، شىنجاڭ قۇملىشىپ كەتكەن 10 مىليون 834 مىڭ 100 مو يەرگە توشقانزەدىكى، قىزىلگۈل، لوپنۇر كەندىرى، گۇالوۋ قاتارلىق تۈرلۈك خاس ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىپ، 28 مىليارد 975 مىليون يۈەنلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى ياراتتى.

ئىدىيە ئۆزگىرىشى

«قۇمغا قاراپ ئامالسىز قېلىش»تىن «قۇم دېڭىزىدا ئالتۇن چايقاش»قىچە

شايار ناھىيەسىنىڭ گەزقۇم يېزىسىدا بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ تۇرغان قۇم بارخانلىرى تۇتاش كەتكەن سۆكسۆكلۈك بىلەن قاپلانغانىدى. شورغا چىداملىق بۇ «چۆل مۇھاپىزەتچىلىرى» قەيسەرلىك بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، بەزىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى تۆت - بەش مېتىرغا يەتكەنىدى. سۆكسۆك ئورمانلىقىدا، ئىشچىلار قولىغا گۈرجەك ئېلىپ، يىلتىزنىڭ ئەتراپىدىكى قۇمساڭ توپىلارنى ئېھتىيات بىلەن كولىدى.

گۈرجەك بىلەن ئون سانتىمېتىر ئەتراپىدا قېلىنلىقتىكى قۇمساڭ توپىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، سارغۇچ ئاق رەڭلىك تۈۋرۈكسىمان يىلتىز غولى ئاستا - ئاستا كۆرۈندى، بۇ دەل قۇملۇقنىڭ مول ھوسۇل پەسلىدىكى باش پېرسوناژى بولۇشقا مۇناسىپ − توشقانزەدىكى ئىدى. سۆكسۆك، يۇلغۇن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇق ئېلىپ ئۆسىدىغان توشقانزەدىكىنىڭ بۇرۇندىن «قۇملۇق ئادەمگىياھى» دېگەن چىرايلىق نامى بار بولۇپ، شۇ جايدىكى ئامما ياقتۇرۇپ تېرىيدىغان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنى ئىقتىسادىي زىرائىتى ھېسابلىنىدۇ.

«بۇ يەرنىڭ كۆلىمى جەمئىي 5000 مو، بۇلتۇر 7 - ئايدا توشقانزەدىكى ئۇلىغان، يېڭى توشقانزەدىكىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 200 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولدى.» شايار ناھىيەسى موشىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى رېن پېڭخۇي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە سۆكسۆك ئورمىنى ئۆستۈردى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە 70 مىڭ موغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

قۇملۇق يەردىن قىممەت يارىتىش ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىش ئىدى.

رېن پېڭخۇي ئىچكى موڭغۇلدىكى ئالاشەندە ساياھەت قىلىۋاتقاندا، شۇ جايدىكى تۇتاش كەتكەن سۆكسۆك ئورمانلىقىدىن ھەيران قالدى. «شايار ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، قۇملاشقان يەر كۆلىمى %80تىن ئاشىدۇ، بىزمۇ مۇشۇنداق قىلساق بولىدىكەنغۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ.

بۇ بىر مەيدان ئون نەچچە يىلغا سوزۇلغان يېشىللاشتۇرۇش مۇساپىسى. يېشىل ماكاننى قوغداش ھېسسىياتى ۋە شايار ناھىيەسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تېخنىكىدا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، رېن پېڭخۇي دوستلىرى بىلەن قۇرغاقچىلىققا، شورغا چىداملىق 20 نەچچە خىل ئۆسۈملۈكنى سىناق قىلىپ تېرىغاندىن كېيىن، سۆكسۆكنى ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان دەرەخ تۈرى قىلىپ تاللاپ بېكىتتى. بۈگۈنكى كۈندە، 20 مىڭ مودىن ئارتۇق سۆكسۆك سېرىق قۇمنى تىزگىنلىدى، توشقانزەدىكى ئۇلانغان 18 مىڭ مو يەرنىڭ ھەر موسىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 يۈەن ئەتراپىدا پايدا ئېلىندى، ئىلگىرىكى «قۇمغا قاراپ ئامالسىز قېلىش»تەك ئىلاجسىزلىق بۈگۈنكى كۈندە «قۇم دېڭىزىدا ئالتۇن چايقاش»تەك ئىپتىخارلىققا ئايلاندى.

تەكلىماكان قۇملۇقىدا، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، قۇملۇقتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىجادىيەتلىرى ھەممە جايدا ئۇچراپ تۇرىدۇ.

گۇما ناھىيەسى شىنجاڭ خۇييۆجى بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، زاڭگۇي يېزىسىدا 47 مىڭ مو يەرگە گۇالوۋ تېرىپ، تېرىش، ئۈزۈش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى. گۇالوۋ كەسپى كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپلا قالماستىن، يەنە ئىلگىرىكى قاقاس چۆللۈكنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسى لەڭگەر ئۆستەڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەتسەيدى ئىمىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنىڭ گۇۋاھچىسى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئۇ يېڭىدىن تۈزلەنگەن قۇملۇق توپىدا قىزىلگۈل تېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى: «قىزىلگۈل، جىگدە قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ پۇل تاپتۇق، يەنە ئېكولوگىيەنى ياخشىلىدۇق. بۇ يىل، مەن يېڭىدىن 600 مو بوز يەر ئاچتىم، داۋاملىق قىزىلگۈل ئۆستۈرمەكچى بولۇۋاتىمەن».

كەسىپنىڭ گۈللىنىشى

قۇملۇقتا «ئالتۇن» كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىندى

«خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆستۈرۈلگەن قىزىلگۈل، توشقانزەدىكى، گۇالوۋ قاتارلىق قۇملۇق زىرائەتلىرىنىڭ كۆلىمى 740 مىڭ مو بولۇپ، ئىشقا ئاشۇرۇلغان يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 765 مىليون يۈەن بولدى.» 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە ئىنچىكە توختىلىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دېڭ شياۋبو ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

قۇم دېڭىزىدا ئالتۇن چايقالدى، يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىتىش تەڭ گۈللەندى. شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئومۇمىي لايىھەسىدە، قۇملۇق كەسپىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېرىيە ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا مىليون مولۇق خاس قۇملۇق كەسپى ئۈلگە تۈرىدىن تۆتنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى. نۆۋەتتە، كېرىيە ناھىيەسىدە 330 مىڭ مو يەردە توشقانزەدىكى ئۇلاندى.

بۇ يىل 10 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى تاۋغاز كەنتىدىكى ئېزىز مەتروزى ئىشچىلار بىلەن بىرلىكتە توشقانزەدىكى كولاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

2009 - يىلى، ئېزىز دادىسى بىلەن قۇملۇق يەرنى ھۆددە ئېلىپ، سەككىز مو يەرگە يۇلغۇن تىكتى ھەم يۇلغۇننىڭ يىلتىزىغا توشقانزەدىكى ئۇلىدى. قۇمنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، 2014 - يىلى، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن كېرىيە ناھىيەسى تاۋغاز تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يۇلغۇن ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى داۋاملىق 200 مو كېڭەيتتى، بۇلتۇر يەنە تېخى قاشالانمىغان بوش رايوندىكى قۇملۇق يەردە 600 مو بوز يەر ئېچىپ، 150 مىڭ تۈپ سۆكسۆك، يۇلغۇن تىكتى.

بۈگۈنكى كۈندە، كېرىيە ناھىيەسىدە توشقانزەدىكى تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ نەيچىسىمان گۈللۈك توشقانزەدىكى GAP ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تۈرى تولۇق، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، مۇلازىمىتى قېلىپلاشقان تۇنجى داڭلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سودا بازىرى قۇرۇپ چىقىلدى ھەمدە بېيجىڭ داشۆ، شىنچىكاڭ دورىگەرلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭ بويىچە تۇنجى توشقانزەدىكى تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ، پەن - تېخنىكىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق توشقانزەدىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، توشقانزەدىكىنى ئىنچىكە پىششىقلاشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولدۇردى.

لوپنۇر ناھىيەسىدە، لوپنۇر كەندىرى كەسپىنىڭ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، زەنجىرىنى تولۇقلاش جەريانىدا «ئوت - چۆپ ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇلدى». لوپنۇر ناھىيەسىدە ياۋا ۋە سۈنئىي تېرىلغان لوپنۇر كەندىرى كۆلىمى 1 مىليون 600 مىڭ موغا يېتىپ، لوپنۇر كەندىرى تالاسى، ياغاچ كۆمۈرى، دورا، چاي، ھەسەل، گىرىم بۇيۇملىرى، تاختاي قاتارلىق 50 نەچچە خىل مەھسۇلات ياسىلىپ، كەسىپ يوشۇرۇن كۈچى تەدرىجىي قوزغىتىلىپ، «قۇملۇقتا يېشىللىقنى كۆپەيتىش، كەسىپ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۆزگىچە تەرەققىيات يولى تېپىپ چىقىلدى.

بىللە ياشاش يولى

يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىتىش تەڭ گۈللەنگەن ياخشى ئايلىنىش

«كۈندە ئىككى سەر توپا يەيمىز، كۈندۈزى يەتمىگەندەك كېچىسى تولۇقلايمىز.» ئىلگىرىكى چاغلار تىلغا ئېلىنسا، نىيە ناھىيەسىنىڭ سالغۇزەك يېزىسى ئۇتاڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى تۇرسۇننىياز دۆلەت ھەمىشە شۇ جاينىڭ ھاۋارايىنى مۇشۇنداق تەسۋىرلەيتتى.

بۇ يىل 3 - ئايدا، تۇرسۇننىياز شۇ كەنتتىكى سەككىز ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بىلەن نىيە ناھىيەسىنىڭ ئارقا دەريا توسمىسى قۇملۇقتىكى توسۇپ زەربە بېرىش رايونىدا 860 مو قۇملۇق يەرنى ھۆددە ئالدى، 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تىكىلگەن يۇلغۇن كۆچەتلىرى ھازىر بەلگە كەلگۈدەك ئۆستى. «كېلەر يىلى ئەتىيازدىلا توشقانزەدىكى ئۇلىغىلى بولىدۇ.» تۇرسۇننىيازنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۈمىدكە تولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى: «بىز كېلەر يىلى يەنە يۇلغۇنلۇققا چۈچۈكبۇيا، قوغۇن - تاۋۇز تېرىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىمىز».

گۇما ناھىيەسىنىڭ زاڭگۇي يېزىسىدىكى 47 مىڭ مولۇق گۇالوۋ تېرىش بازىسى 2500دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 3000 يۈەنگە يەتتى. بۇ بازىنىڭ مەسئۇلى ما خەنرۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 100 مىڭ موغا كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، شۇ چاغدا 11 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشتىن نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.

قۇملۇقتىن قىممەت يارىتىش ھەر مىللەت ئاممىغا ئەمەلىي خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئېلىپ كەلدى. بىر يىلدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئېكولوگىيە پايدىسىنى سىجىل تۈردە پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇردى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى.

دېڭ شياۋبو مۇنداق دېدى: 2024 - يىلىدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىدە جەمئىي 705 مىڭ 400 ئامما كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا ئاتلاندى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش تەخمىنەن 80 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى 836 مىليون يۈەن ئاشۇردى.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ چارەك بازىرى سىياسەت جەھەتتە يۆلەش، تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەش ۋە تىپلار ئارقىلىق يېتەكلەش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ پاسسىپ قۇم تىزگىنلەشتىن ئاكتىپ قۇم تىزگىنلەشكە ئۆتۈشىگە تەدرىجىي تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن بازاردىكى %80تىن ئارتۇق ئائىلە قۇم تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلاندى ھەم بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا قۇملۇق كەسپى ھەر يىلى 300 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يىللىق كىشى بېشى كىرىمىنى 3000 يۈەندىن 4500 يۈەنگىچە ئاشۇردى. گىرۋەكنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆلەملەشتۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ، ئاممىنىڭ ھەميانىنى تېخىمۇ تومپايتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.