تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ كىرىمى 6 مىليارد 635 مىليون يۈەنگە يەتتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەننىڭ شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە تاماملانغان كىرىم جەمئىي 6 مىليارد 635 مىليون يۈەن، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 466 مىليون 72 مىڭ 900 پارچە تاماملانغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %12.84 ۋە %30.37 ئاشقان.
ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ پوچتا كەسپىدە جەمئىي تاماملانغان كەسىپ كىرىمى (پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە تىجارەت كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 9 مىليارد 291 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 ئاشقان؛ پوچتا كەسپىدە جەمئىي تاماملانغان ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 879 مىليون 148 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.18 ئاشقان، كەسىپ تەرەققىياتىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، كەسىپنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانغان. چېگرا ھالقىغان ئەۋەتىش - يەتكۈزۈشنىڭ ئىپادىسىمۇ ئوخشاشلا گەۋدىلىك بولغان، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 1 مىليون 561 مىڭ 100 پارچە ئورۇندالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.91 ئاشقان.
ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى بويىچە تەھلىل قىلغاندا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كەسىپ مىقدارىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %89.34كە يەتكەن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %61.5 بولغان، قومۇل شەھىرىنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ۋە كەسىپ كىرىمىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى بىردەك %40تىن ئېشىپ، رايون ئېشىشىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. ئۈرۈمچى شەھىرى يادرولۇق تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ كىرىمى 3 مىليارد 329 مىليون يۈەن، كەسىپ مىقدارى 279 مىليون پارچە بولغان بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە سىجىل ئەڭ ئالدىدا ماڭغان.
پوچتا كەسپىنىڭ كەسىپ كىرىمى ۋە كەسىپ مىقدارىدا قوش ئېشىشنى ساقلىشى پۈتۈن شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلانغانلىقى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ سىجىل گۈللەنگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ھاياتىي كۈچ قوشتى.






