شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشكە دائىر ئۈچ تىپىك مەسىلىنى تۆۋەندىكىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى:
1. پىچان ناھىيەسى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا «قانۇن تەشۋىقاتى لىنىيەسى» ئىمتىھانىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى يىللىق نەتىجە باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزگەن. 2024 - يىلى 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايون «قانۇن تەشۋىقات لىنىيەسى»دە ئەڭ تۆۋەن دەرس سائىتى، نومۇر جەملەش تۈزۈمى ۋە كادىرلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش نىسبىتى قاتارلىقلارغا قويۇلىدىغان تەلەپنى بىكار قىلدى ھەم كادىرلارنىڭ قانۇن ئۆگىنىش ئەھۋالىنى يىللىق نەتىجە باھالاش بىلەن باغلىۋالماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇردى. پىچان ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن «قانۇن تەشۋىقات لىنىيەسى»دىكى قانۇن ئۆگىنىپ نومۇر جەملەش، ئىمتىھان بېرىشنى بىكار قىلىش تەلىپىگە ئەمەل قىلماي، 2025 - يىلى يەنە كادىرلارنىڭ «قانۇن تەشۋىقات لىنىيەسى» ئىمتىھانىغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %90 تىن ئېشىشىنى ئورۇنلارنىڭ يىللىق نەتىجە باھالاش كۆرسەتكۈچى قىلىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 145 ئورۇن، 7193 كادىردىن قانۇن ئۆگىنىش، قانۇننى تەتبىقلاش ئىمتىھانىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە»دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلغان.
2. ئونسۇ ناھىيەسى تەستىقلاتماي تۇرۇپ بايرام، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كارخانا ۋە كەنت كوللېكتىپلىرىغا خىراجەت سېلىقى سالغان. 2021 - يىلى 6 - ئايدىن 2025 - يىلى 5 - ئايغىچە، ئونسۇ ناھىيەسى تەستىقلاتماي تۇرۇپ 14 تۈرلۈك بايرام، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە تۈرلۈك بايرام، تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەدەنىيەت - ساياھەت گۇرۇھى قاتارلىق ناھىيەگە قاراشلىق ئۈچ دۆلەت كارخانىسى ۋە مەھەللە ئېرىق كەنتى قاتارلىق ئون كەنت كوللېكتىپىغا قىسمەن خىراجەتنى ئارتىپ قويغان. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۇسۇلى «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» «ئاپتونوم رايوننىڭ بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىق تۈزۈملەرگە خىلاپ بولۇپ، شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا مەبلەغ سېلىقى سېلىپ، كارخانا ۋە يېزا - كەنتلەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن.
3. قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ھۆججەتنى زىيادە كۆپ تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشىغا يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرمىغان. 2024 - يىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ناھىيە، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىگە 1048 پارچە ھۆججەت تارقاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر خىزمەت كۈنىگە بەش پارچىدىن توغرا كەلگەن. 2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە 815 پارچە ھۆججەت تارقاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە ۋاقىتلىق ئۇقتۇرۇش، خەت - ئالاقە، خىزمەت ئەسكەرتمىسى، تېلېفون ئەسكەرتمىسى ۋە تۈرلۈك جەدۋەل قاتارلىقلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئاشقان. قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ھۆججەتلەرنى ئىخچاملاشقا دائىر تۈرلۈك تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ھۆججەت تارقىتىش، تۈر تۇرغۇزۇش، پىلانلىق باشقۇرۇش ۋە ئومۇمىي مىقدارنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش جايىدا بولمىغان، ھۆججەت زىيادە كۆپ، قايتا - قايتا تارقىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە جۈمە كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، دۈشەنبە كۈنى ماتېرىيال تەلەپ قىلىپ ئاساسىي قاتلامغا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرماسلىق قاتارلىق ھۆججەت تۈزۈپ تارقىتىش بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاش تەلىپىگە خىلاپ مەسىلىلەر ساقلانغان.
يۇقىرىقى تىپىك مەسىلىلەر بەزى جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزمىغانلىقى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرمىگەنلىكى، تەلەپنى قاتتىق ئىگىلىمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بەزىلەر ئۆزى بىلگەنچە يول تۇتۇپ، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەپ، «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق» بىلەن شۇغۇللانغان؛ بەزىلەر تەستىقلاتماي تۇرۇپ بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، خىراجەتنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كارخانا ۋە كەنت كوللېكتىپىغا ئارتىپ قويغان؛ بەزىلەر ھۆججەت تارقىتىش سانىنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشتە كۈچلۈك بولماي، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھى ۋە «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە»گە خىلاپلىق قىلغان.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلىپىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يۈكنى يېنىكلىتىپ قۇۋۋەت قوشۇشنىڭ پۇختا ئۈنۈمى ئارقىلىق، كېلەر يىللىق خىزمەتلەردە ئىشنى ياخشى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.






