2025 - يىلى 4 - پەسىللىك ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنى ئېچىلدى
ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 2025 - يىلى 4 - پەسىللىك ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 4 - پەسىللىك مەركەز قاتلىمى مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى «ئاغرىق نۇقتا»نى تۈزەش «نىشانى» قىلىپ، ھۆججەتنى ئىخچاملاپ يىغىننى ئاددىيلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ھۆججەتلەرنى قارىغۇلارچە كۆچۈرۈش مەسىلىسى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش، توغرا لىنىيەلىك ئالماشتۇرۇشتىكى شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، «رەقەم ئارقىلىق يۈكنى يېنىكلىتىش» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەكلى ئۆزگەرگەن باھالاش - تەقدىرلەش ۋە بەرپا قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى كۈچەپ تۈزىتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ نام بېرىش پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تەرتىپكە سېلىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى قاتتىق ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.






