□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
قۇم دېڭىزىنىڭ گىرۋىكىدە، ئەتىرگۈل پورەكلەپ ئېچىلدى؛ مىڭ چاقىرىملىق قۇم - بوران، يېشىل بەلباغ ئارقىلىق توسۇپ قېلىندى. بىر يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇقنى چۆرىدىگەن يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنىڭ شىنجاڭدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ۋاقىت «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى نەقىشلىمەكتە؛ ئىسترېلكا «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بىر كۈندىلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس، مۇھىمى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، ئاز - ئازدىن توپلاشتا. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرىدىغان ئىرادە، قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدىغان غەيرەت - شىجائەت بىلەن گىرۋەكنى قاشالاش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى «يېشىل شارپا»نى بارغانسېرى قېلىن توقۇدى، ئۇزارتتى. بۇ ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلغان يېشىل رەڭ دەل شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنىڭ روشەن ئىزاھاتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. 6 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا چۆللىشىپ كەتكەن يەر 1955.7 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان، قۇملىشىپ كەتكەن يەر 242.8 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم قۇملىشىپ كەتكەن كۆلەم كۆپىيىشتىن ئازىيىشقا ئۆتۈشتەك تارىخىي بۇرۇلۇش كۆرۈلگەن. بۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنىڭ كۆرۈلۈشى دۆلىتىمىزدىكى چۆللىشىش ئەڭ ئېغىر، مۇداپىئەلىنىش - تۈزەش ۋەزىپىسى ئەڭ مۈشكۈل ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئۇدا كۈرەش قىلىپ، پايانسىز چۆللۈكتە يىلتىز تارتىپ ياراتقان ئېكولوگىيە مۆجىزىسى. قۇم - بوران بىلەن كۈرەش قىلىپ، ماكاننى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ سەلتەنەتلىك داستاندا، «قۇم دېڭىزىدىكى يۈگۇڭ» فۇ جىجوۋ، پېشقەدەم ئەسكەرلەر قۇم تىزگىنلەش ئەترىتى، «يۇلغۇن بوۋاي» ليۇ مىڭتىڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم قەيسەر، قەتئىي ئىرادىلىك ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشىدىغان قۇم تىزگىنلەش نەمۇنىچىلىرى بارلىققا كەلدى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ توغراقتەك چىدامچان، يۇلغۇندەك قەيسەر قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى چاقناپ تۇرىدۇ.
ئەگەر تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇشنى ۋاقىت بوشلۇق كوردىناتى دەپ قاراپ، كەلگەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، بىز شۇنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن ھېس قىلىمىزكى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى يوق، پەقەت تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش ئىرادىسىنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەسى ئاجىز بولۇشتەك ئاساسىي ئەھۋال تېخى تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق، قۇملىشىش كۆلىمى چوڭ، تارقىلىشى كەڭ، تىزگىنلەش قىيىن بولۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. ئىلگىرى، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى دەل مۇشۇنداق بەل قويۇۋەتمەيدىغان، بوشاڭلىق قىلمايدىغان قەيسەرلىكى بىلەن ماكانىنى قوغداپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، مۆجىزە ياراتقان؛ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز بۇ چىدامچانلىقىمىزنى جەزمەن تېخىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى ئاخىرقى نىشان ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. «قۇم ئىلگىرىلەپ ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش»كىچە، «قۇمغا قاراپ ئامالسىز قېلىش»تىن «قۇم دېڭىزىدا ئالتۇن چايقاش»قىچە، بىز بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا، يەنە «بارلىق شەيئىلەرنىڭ ھەرىكەت قائىدىسى تەبىئەت قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىشى كېرەك» دېگەن ئەقىل - پاراسەتنى چوڭقۇر چۈشەندۇق. سۆكسۆك، يۇلغۇن قاتارلىق قۇملۇقتا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاپ، توشقانزەدىكى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، چىلان، قىزىلگۈل قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «يورۇقلۇق ۋولت + قۇم تىزگىنلەش» ئۇنىۋېرسال تۈرىنى قۇرۇش − بۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت بىزگە شۇنداق ئىلھام بېرىدۇكى، جەزمەن تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
يۈگۇڭچە ئىرادە تىكلىگەندە، چۆللۈكنىڭ قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزگىلى بولىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىلىرىنى پۇختىلاپ ۋە كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ چۆللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئېشىشىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر ھالقا. بىز ھەربىر قېتىملىق غەلىبىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قاراپ، ئىرادىمىزدىن يانماي، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن، تېخىمۇ زور ھەم قالتىس شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى.






