تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ۋە تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى فېڭ جياشۈن، شيۇڭ فېڭ، دۇڭ بوتىڭ

پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسىنى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا، كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىگەنلىكى ۋە سەپەرۋەر قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىشىغا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەڭ پىدائىيلار، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىپ، غايە - ئېتىقاد، مېھىر - مۇھەببەت ۋە ياخشى كۆڭۈل، مەسئۇلىيەتچانلىقنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان كۈچ قوشتى.

ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش: پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش

پامىر ئېگىزلىكىدىكى قۇياش نۇرىدا، شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ھويلىسىدا كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ياڭراپ تۇراتتى. شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىر كۈنلۈك ئالدىراش ھەم مەنىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتىنى باشلىدى.

«بۇ يىللاردا، بارغانسېرى كۆپ ياش غەربىي قىسىمغا، يېزا - كەنتلەرگە، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تاللاپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جۇشقۇن يۇقىرى ئۆرلەش روھىي قىياپىتى ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار، دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.» بۇ يىل 4 - ماي ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى خۇددى باھار شامىلىدەك قەلبلەرنى ئىللىتىپ، ھەربىر ئەزا ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئېكسكۇرسىيە - تەكشۈرۈشتە بولغان، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغان، تەستىقىي يوليورۇق بەرگەن، جاۋاب خەت قايتۇرغاندا، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قارىتا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«پىدائىيلار ئىشلىرى <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانى بىلەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش بىلەن ھەمسەپەر بولۇشى كېرەك»؛

«كەڭ پىدائىيلار، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، تۆھپە قوشۇش، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»؛

«ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سۇپا ھازىرلاپ، تېخىمۇ كۆپ مەدەت بېرىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك»؛

...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ تەلىپى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئەمەلىيەت يولى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

نەمۇنىچىلارغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئالىيجاناب روھنى تارقاتتى، ئۈلگە تىكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

2021 - يىلى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

«ۋاڭ لەنخۇا، سىز يەنە كەپسىز ھە، شەرەپ بىلەن يەنە كەپسىز.» ئالدىنقى يىلى نىڭشياغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئۇچراتقان بۇ موماينىڭ سەھنىگە چىققانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي سالاملاشتى.

2020 - يىلى 6 - ئايدا، نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇجۇڭ شەھىرى لىتۇڭ رايونىنىڭ جىنخۇايۈەن مەھەللىسىگە كەلدى. باش شۇجىنى كۆرۈپ، مەھەللىنىڭ پىدائىيلار باشلامچىسى ۋاڭ لەنخۇا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «2016 - يىلى سىز نىڭشياغا كەلگەندە قىلغان <سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن> دېگەن بىر جۈملە سۆزىڭىزنى ئۇنتۇيالمايمەن».

«بۇنىڭ ئىچىدە يەنە سىز ۋە كەڭ پىدائىيلار بار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىشلەۋاتىدۇ!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىللىق ھەم جاراڭلىق ئىدى.

قەدىمى يەتكەنلىكى جايغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلدى؛ خەت ئارقىلىق غەمخورلۇق يەتكۈزۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

ياشلارنى «ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشۇش»قا ئىلھاملاندۇردى؛

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىغا «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلىرىغا جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوست ۋە مەدەنىي، ئەدەپلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش، باھاردەك ئىللىقلىقنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش»نى تاپىلىدى؛

مۇھىت قوغداش پىدائىيلىرىنى «تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئاڭلىق ھالدا سۇ مەنبەسىنى ساقلىشى، سۇنى قوغدىشى، سۇ تېجىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تاغلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن، زۇمرەتتەك سۇلىرى توختاۋسىز ئېقىپ تۇرىدىغان، ھاۋاسى دائىم ساپ بولغان گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش»قا ئىلھاملاندۇردى؛

...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى، كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇردى، يېڭى دەۋردە مەۋج ئۇرغان كۈچلۈك ئىللىق ئېقىمغا ئايلاندۇردى.

دەرەخنى ئېگىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن يىلتىزىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئېنىق يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش ۋە پۇختا تۈزۈم تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈزۈمى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا «پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىنىشكىچە، يەنە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە «پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىشقىچە...

2024 - يىلى 4 - ئايدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭى دەۋر پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىنىپ، يېڭى دەۋر پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان مەركەزنىڭ تۇنجى ھۆججىتىگە ئايلىنىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئەزا ئورۇنلار سىجىل كېڭەيتىلىپ، تېخىمۇ كەڭ خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈلدى. پىدائىيلار مۇلازىمىتى قانۇنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرى مەۋج ئۇرغان باھار دولقۇنىدەك جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش: پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى دەۋر يېڭى كەيپىياتىغا ئايلاندۇرۇش

تيەنجىن خېپىڭ رايونى شىنشىڭ كوچا باشقارمىسىنىڭ چاۋياڭلى مەھەللىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى مەھەللە پىدائىيلار تەشكىلاتى بارلىققا كەلگەن جاي.

2019 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمىتى كۆرگەزمە سارىيىدا پىدائىيلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سۇپا ھازىرلاپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

2024 - يىلى 11 - ئايدا ئېچىلغان مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنىدا: پىدائىيلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈزۈمى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پىدائىيلار مۇلازىمىتى سەپەرۋەرلىك سىستېمىسى، تەمىنلەش سىستېمىسى، قوشۇن تەشكىلىي سىستېمىسى، بازا سىستېمىسى، مەدەنىيەت سىستېمىسى، مەدەت بېرىش - كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ سىجىل مۇكەممەللىشىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

بازا قۇرۇپ قوشۇننى كۈچەيتىپ، ھېس قىلغىلى، ئىشقا ئاشۇرغىلى، پايدىلانغىلى بولىدىغان مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلدى −

مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى مەھەللىلەرنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «ياشانغانلار، بالىلار» ۋە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا يۈزلىنىپ، «قوشنىلار ئارا ھەمدەم بولۇش»، «ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش»، «يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر»گە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي پىسخىكا مۇلازىمىتى بويىچە پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، مەملىكەت بويىچە 1191 مەھەللىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق «كەسپىي جەمئىيەت خىزمەتچىسى + پىدائىيلار مۇلازىمىتى»نىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، پىدائىيلار كۈچىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى، ئاممىۋى سورۇنلار، كۆزنەك ئورۇنلار قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمەت پونكىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پونكىت - نۇقتىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ «ئىشىك ئالدىدا» پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى، پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا قولايلىق ياراتتى.

30 ئۆلكىدە پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈرى بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلدى؛ مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پىدائىيلىرى 4 مىليون 130 مىڭ ئادەمگە، پەن - تېخنىكا پىدائىيلىرى 5 مىليون 250 مىڭ ئادەمگە، دەريا - كۆل پىدائىيلىرى 2 مىليون 290 مىڭ ئادەمگە يەتتى... جاي - جايلاردىن كەلگەن، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەرگە تارقالغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ كۆپ خىل، قاتلىمى تېخىمۇ مول بولۇپ، پىدائىيلارنىڭ سىيماسىنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى.

ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ ئەلالىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى −

«كەڭ ياشانغان دوستلارنىڭ ئىرادىلىك ئادەم ياشىنىپ قالسىمۇ قەلبى جۇشقۇنلۇققا تولۇش، ياشىنىپ قالسىمۇ تېتىك تۇرۇشتەك ساغلام روھىي ھالىتى ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنى ساقلاپ، ھەم ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان، كۆڭۈل ئاچالايدىغان بولۇشىنى، ھەم ياشانغاندا رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» 2024 - يىلى چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ياشانغانلار ھەرىكىتى» پېشقەدەم پىدائىيلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى.

قۇياش پېتىپ كەچ بولدى دېمەڭ، ئاسماننى قاپلىغان شەپەق ئۆزگىچە گۈزەل. «ياشانغانلار ھەرىكىتى» − «ياشانغاندا رولىنى جارى قىلدۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرىدىغان، «ياشانغانلار كۈچى»نى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم سۇپا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى «ياشانغانلار ھەرىكىتى»نىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ساھە سىستېمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئالتۇن قالقان، كۈمۈش نۇر» «ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولۇپ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش» قاتارلىق 22 مۇھىم ماركا تۈرىنى شەكىللەندۈردى. ھەرقايسى جايلار بېيجىڭ - ئىچكى موڭغۇل، خېبېي - شىنجاڭ، شاڭخەي - يۈننەن، جېجياڭ - سىچۇەن، فۇجيەن - نىڭشيا قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۆلكە دەرىجىلىك قوشماقلىشىپ يار - يۆلەك بولىدىغان «ياشانغانلار ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى دەل جايىدا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بېيجىڭ «شىچېڭدىكى چوڭ ئانىلار»دىن جېجياڭ «ۋۇلىندىكى چوڭ ئانىلار»غىچە، ھەممىگە تونۇشلۇق بۇ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ماركىلىرى ھەممە ئائىلىگە ھەمراھ بولدى.

«مۇھەببەتكە تولغان جياڭسۇ پىدائىيلار سەپىرى» «جېجياڭ ئەڭ ئىللىق» «فۇجيەن پىدائىيلار سەپىرى»... پىدائىيلار مۇلازىمىتى «ئۇرۇقى»نىڭ چېچىلىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پىدائىيلار مۇلازىمىتى ماركىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، خاس تۈرلەر مېيىپلەرگە، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ مائارىپقا ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، داۋالاش - خالىس كېسەل كۆرۈش، تەنتەربىيە - بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىغا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدى −

پىدائىيلار مۇلازىمىتى قانۇنچىللىق تىرىكىنى كۈچەيتىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. 2025 - يىلى 6 - ئايدا، جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈرى، پىدائىي قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيەلەش، مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۈچ خىزمەت كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلىپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

«ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇش» «شەھەر، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنى قانۇن بويىچە پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش»... پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جاي يەرلىكنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە دائىر نىزام خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشىنى تەشكىلىي كاپالەت ۋە تۈزۈم تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

«باشقىلار ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغاندا، كۆپچىلىك ياردەم قولىنى سۇنغان، كۈچ چىقارغاندىلا، جەمئىيەت ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئىشلار كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈلمەكتە، روھ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

بۇ يىل ئېلان قىلىنغان 2024 - يىللىق مەملىكەتلىك پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى «تۆت 100» ئىلغار تىپلار تىزىملىكىدە، فۇجيەن ئۆلكىلىك تاغقا چىقىش جەمئىيىتى تاغلىق جايدا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن ۋېن «ئەڭ گۈزەل پىدائىي» بولۇپ سايلاندى.

200 نەچچە قېتىم قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە قاتنىشىپ، 2000 سائەتتىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلدى − 20 نەچچە يىل قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، چېن ۋېن بىر ۋەزىنلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

بىر ئادەم ياخشى ئىش قىلسا، تۈمەنلىگەن ئادەم بۇنىڭدىن ئىلھام ئالىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلاشنى ئاساس قىلغان تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پىدائىيلارنى تەقدىرلەش ۋە جاۋاب قايتۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، لەۋزىدە تۇرغانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر پىدائىيلارغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىپ، پىدائىيلار روھىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇلالىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى قوشۇنىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«ۋاقتى بولسا پىدائىي بولۇش، قىيىنچىلىقى بولسا پىدائىينى ئىزدەش» «ئۆزۈمنى بېغىشلىسام خۇشاللىققا چۆمىمەن» جەمئىيەتتە يېڭى كەيپىياتقا ئايلىنىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش: تامچە - تامچە كۈچ ئارقىلىق قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەش

گۇيجوۋ بىجيېدىكى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە، خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى «بېنيۈ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەترىتى» ئاسپىرانتلار مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ھېسابلاش ئەمەللىرىنى كىچىك ئويۇنلارغا سىڭدۈرۈپ، بالىلارنى ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى.

شىزاڭ رىكازېدا، مەركىزىي مۇزىكا شۆيۈەنى «يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت تەشۋىقاتچىلىرى» پىدائىيلىرى مۇزىكا ئارقىلىق ئىدىيە تارقاتتى، سەنئەت ئارقىلىق ئارزۇنى بىخلاندۇردى.

بىر ئادەمدىن بىر توپ ئادەمگىچە، ياش پىدائىيلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلدى ۋە ئىلگىرىلىدى، ياشلىق يۆنىلىشى ۋە كىشىلىك ھايات نىشانىنى تاپتى».

مەۋقەنى كەسىپتە تۆھپە قوشۇشقا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا نۇر ۋە ھارارەت تارقاتتى −

2025 - يىلى 7 - ئايدا، ئىچكى موڭغۇل كۆكخوت شەھىرى ۋۇچۈەن ناھىيەسىنىڭ دېشېڭگوۋ يېزىسى دۇڭپو كەنتىدە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن قىيان كېلىپ، كەنت بويىدىكى دەريانىڭ سۇ ئورنى تېز ئۆرلەپ، ۋەزىيەت خەتەرلىك بولۇپ قالغانىدى.

كەنتتىكى «قىزىل چەۋەندازلار ئەترىتى» دەرھال يىغىلدى. دۇڭپو كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىدىن تەشكىللەنگەن بۇ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەترىتى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تېزدىن ئاتلىنىپ، كېچىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە تارماقلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ جىددىي رېمونت قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن كەنتتىكى 80 ئائىلىلىك 132 كىشىنىڭ ھەممىسىنى بىخەتەر يۆتكىدى.

«جۇڭگودىكى ياخشى دوختۇر، جۇڭگودىكى ياخشى سېسترا» پىدائىيلار مۇلازىمىتى باش ئەترىتى چەت - يىراق رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزدى؛ «ئاياللار قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يېزا - كەنت سەپىرى» پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەترىتى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، يېزا ئاياللىرى ۋە ئائىلىلەرگە قانۇن بىلىملىرى ۋە ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش مۇلازىمىتىنى يەتكۈزدى... ھەربىر شەخسىيەتسىز سىيما ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا ئۈن - تىنسىز نۇر ۋە ھارارەت تارقاتتى.

مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى −

2023 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھىرى خۇڭكوۋ رايونىنىڭ جياشىڭ يولى كوچا باشقارمىسى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش پىدائىيلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، «سىلەرنىڭ داۋاملىق تۈردە پىدائىي سۈپىتىدە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۆزگىچە رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ تەكىتلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ كىشى پىدائىيلار مۇلازىمىتى قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پۇقرالارغا بەخت يارىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

فۇجيەن شيامېندىكى گۇلاڭيۈ خاۋشياۋگې تېز يەتكۈزگۈچىلەر بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېز يەتكۈزگۈچى شيا گۇاڭبياۋ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«قولۇمدىن كېلىدىغان كىچىككىنە ئىش ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىشتەك بۇ خىل تۇيغۇ ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن» دېدى شيا گۇاڭبياۋ.

شەھەردىن يېزىلارغىچە، ئېگىزلىكتىن ئاراللارغىچە، پىدائىيلارنىڭ سىيماسى ئاساسىي قاتلامنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا جانلىنىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئىللىق كۈچكە ئايلاندى.

شاڭخەيدە، جىڭئەن رايونى ساۋجيادۇ كوچا باشقارمىسىنىڭ «پېشقەدەم ھەمراھلار» پىلانى پىدائىيلىرى تۆۋەن ياشلىق ياشانغانلار يۇقىرى ياشلىق ياشانغانلار بىلەن قوشماقلىشىپ غەمخورلۇق قىلىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، مەھەللە ئۆزئارا ياردەم بېرىش تورىنى بەرپا قىلدى؛

جېجياڭدا، «مىڭ ئائىلە، تۈمەن چىراغ» پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈرى توكچى پىدائىيلارنى ئائىلىلەرگە كىرىشكە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى؛

...

«دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، ياشلىق باھارىنى مۇھىم پائالىيەت سەھنىلىرىدە جۇلالاندۇردى −

ئەمدىلا ئاياغلاشقان 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، گۇاڭدۇڭ مۇسابىقە رايونىدىكى 30 مىڭ «كىچىك دېلفىن» پىدائىيسى قىزغىن مۇلازىمىتى ئارقىلىق مۇسابىقىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشتى.

«بىز بۇ مەيدان كاتتا مەرىكىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىلىرى ۋە تۈرتكە بولغۇچىلىرى.» بۇ قېتىمقى پىدائىيلار مۇلازىمىتى كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغاندا، جۇڭشەن داشۆدىن كەلگەن بىر پىدائىينىڭ تەلەپپۇزىدىن تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى.

تارام - تارام ئېقىنلار قوشۇلۇپ دېڭىز ھاسىل قىلدى.

ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىكى «شياۋيېزى» پىدائىيلىرىدىن خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى «شياۋچىڭخې» پىدائىيلىرىغىچە... بارغانسېرى كۆپ ياش پىدائىي خەلقئارا مۇسابىقە، كۆرگەزمە - يىغىن قاتارلىق تاشقى ئالاقە سۇپىلىرىدا ئۆز سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

«كىچىك مەن» «كۆپچىلىك»كە يۇغۇرۇلدى، «ئاجىز نۇر»لار توپلىنىپ «سامان يولى»نى ھاسىل قىلدى، پىدائىيلار روھى يېڭى دەۋردە تېخىمۇ جۇلالىنىپ نۇر چاچتى.

«پۈتكۈل جەمئىيەتتە تۆھپە قوشۇش، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پىدائىيلار روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئىجابىي رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن پىدائىي ئاددىي ھەم قەتئىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۇزاق ھەم چوڭقۇر ئىللىق كۈچ بېغىشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇشقۇن قۇۋۋەت توپلاپ، يېڭى دەۋر پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.