
11-ئاينىڭ 19-كۈنى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى ئاقىل يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سارىيىدا، خىزمەتچى خادىملار كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلماقتا.
بۇ ساراي تىك يۆنىلىشلىك يېزا ئىگىلىكى، يوپۇرماقلىق كۆكتات زاۋۇتى ۋە مېۋە-كۆكتات زاۋۇتىنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، 5G نەرسە تورى، تەقلىد قىلىپ بۇرمىسىمان ئۆستۈرۈش قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىغا تايىنىپ، تېرىقچىلىقنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئەقلىيلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ھازىر ساراي ئىچىگە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى پائال كىرگۈزۈلۈپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش مودېلى قۇرۇش ئارقىلىق، سۇ، ئوغۇت باشقۇرۇشنى دەل جايىدا تەڭشەش-تىزگىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى)

خىزمەتچى خادىم كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. نۆۋەتتە، بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەت، تەتقىقات-ئۆگىنىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ھېس قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن تەتقىقات-ئۆگىنىش ئەمەلىيەت بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ «رەقەملىك تېرىقچىلىق» پەن-تېخنىكىسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

خىزمەتچى خادىملار كۆكتاتلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن رەتلىمەكتە.
مەنبە: شىنجاڭ ياخشى جاي
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






