تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

10-ئايدا ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئېلان قىلىندى!

   11-ئاينىڭ 26-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 70 چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەردىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 10-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا %0.2 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.9 ئاشقان؛ نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا %0.4 تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 تۆۋەنلىگەن.

   شۇ ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 90 كىۋادرات مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن، 144~90 كىۋادرات مېتىر ۋە 144 كىۋادرات مېتىردىن يۇقىرى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك ئۆسكەن. مەملىكەت بويىچە 70 چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەر ئىچىدە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ رەتكە تىزغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما كۆرسەتكۈچى 2-ئورۇندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچى 3-ئورۇندا تۇرغان.

   ئۈرۈمچى شەھىرىدە 90 كىۋادرات مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن، 144~90 كىۋادرات مېتىر ۋە 144 كىۋادرات مېتىردىن يۇقىرى نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك تۆۋەنلىگەن. مەملىكەت بويىچە 70 چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەر ئىچىدە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ رەتكە تىزغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما كۆرسەتكۈچى 10-ئورۇندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچى 14-ئورۇندا تۇرغان.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.