تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭ بۇ مەكتەپلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئاپتونوم رايون قىسمى) دەپ بېكىتتى!

   ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «2025-يىللىق شىنجاڭدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئاپتونوم رايون قىسمى)نى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 2025-يىللىق ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئاپتونوم رايون قىسمى)كە جەمئىي 71 مەكتەپنى بېكىتكەن، ھازىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش مۇددىتى 2025-يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولىدۇ.

تور بەتتىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت

   ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مائارىپ ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپ ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بېكىتىش، كۆرسىتىش خىزمىتىنى باشلىدى. ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر ئەلالىرىنى تاللاپ كۆرسىتىش، ئاپتونوم رايون ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئۇنىۋېرسال باھالاش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 28-قېتىملىق پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىش ئارقىلىق، 2025-يىللىق ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئاپتونوم رايون قىسمى)كە 71 مەكتەپ بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 49 مەكتەپ ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، 22 مەكتەپ يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىپ بېكىتىلگەن مەكتەپ.

  شىنجاڭدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئاپتونوم رايون قىسمى)

  دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن مەكتەپلەر تىزىملىكى

  ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (49)

ئۈرۈمچى شەھىرى (14)

   1. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ (لۈگۇ مەكتەپ رايونى)

   2. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ

   3. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

   4. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ (دۇڭفېڭ يولى مەكتەپ رايونى)

   5. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 11-ئوتتۇرا مەكتەپ

   6. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ

   7. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-ئوتتۇرا مەكتەپ

   8. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپ

   9. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ

   10. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 41-ئوتتۇرا مەكتەپ

   11. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 68-ئوتتۇرا مەكتەپ

   12. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70-ئوتتۇرا مەكتەپ (تۆمۈريول ئىدارىسى مەكتەپ رايونى)

   13. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ

   14. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى (3)

   1. غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. قورغاس ناھىيەسى جياڭسۇ ئوتتۇرا مەكتىپى

   3. كۈنەس ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

تارباغاتاي ۋىلايىتى (3)

   1. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك 1-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. شىخو شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

   3. ساۋەن شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئالتاي ۋىلايىتى (2)

   1. ئالتاي ۋىلايەتلىك 1-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. ئالتاي ۋىلايەتلىك 2-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

قاراماي شەھىرى (3)

   1. قاراماي شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. قاراماي شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

   3. قاراماي شەھىرى مايتاغ 2-ئوتتۇرا مەكتىپى

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى (1)

   1. بورتالا شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى (7)

   1. سانجى ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. سانجى ئوبلاستلىق 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

   3. گۇچۇڭ ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

   4. جىمىسار ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

   5. فۇكاڭ شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

   6. قۇتۇبى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

   7. سانجى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

قومۇل شەھىرى (1)

   1. قومۇل شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

تۇرپان شەھىرى (1)

   1. تۇرپان شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى (4)

   1. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. كورلا شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ

   3. خېجىڭ ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

   4. يەنجى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئاقسۇ ۋىلايىتى (4)

   1. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

   3. كۇچا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

   4. ئونسۇ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

قەشقەر ۋىلايىتى (1)

   1. قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

خوتەن ۋىلايىتى (1)

   1. خوتەن ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (4)

   1. ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى (ۋۇشىڭ يولى مەكتەپ رايونى)

   2. شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى

   3. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى

   4. شىنجاڭ سىفەن داشۆ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى (يىنچۇەن يولى مەكتەپ رايونى)

   ئىلتىماس قىلىپ بېكىتىلگەن مەكتەپ (22)

ئۈرۈمچى شەھىرى (3)

   1. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54-ئوتتۇرا مەكتەپ

   3. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 130-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئىلى ئوبلاستى (2)

    1. غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. كۈيتۈن شەھەرلىك 1-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

تارباغاتاي ۋىلايىتى (1)

   1. دۆربىلجىن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئالتاي ۋىلايىتى (1)

   1. قابا ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

قاراماي شەھىرى (2)

   1. بېيجىڭ سىفەن داشۆ قاراماي شۆبە مەكتىپى

   2. قاراماي شەھەرلىك 13-ئوتتۇرا مەكتەپ

بورتالا ئوبلاستى (1)

   1. جىڭ ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

سانجى ئوبلاستى (2)

   1. سانجى ئوبلاستلىق 4-ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. ماناس ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

قومۇل شەھىرى (1)

   1. قومۇل شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ

بايىنغولىن ئوبلاستى (2)

   1. كورلا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. لوپنۇر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئاقسۇ ۋىلايىتى (2)

   1. ئاقسۇ شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. شايار ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى (1)

   1. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

قەشقەر ۋىلايىتى (2)

   1. قەشقەر ۋىلايەتلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ

   2. پوسكام ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

خوتەن ۋىلايىتى (1)

   1. خوتەن ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (1)

   1. قەشقەر داشۆ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.