تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

«ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، خوتەن كوماندىسى چېمپىيون بولدى

مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى

سۈرەت مەنبەسى: ئاتۇش نۆل ئارىلىق ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

خوتەن كوماندىسىنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئالغان پەيتلىرى.

11-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ

2025-يىللىق شىنجاڭ «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى

ئاتۇش شەھىرى پۇتبول باغچىسىدا باشلاندى

كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق

ئەڭ ئاخىرىدا

خوتەن كائىنات گىلەمچىلىكى كوماندىسى

1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن بورتالا ئوبلاستى پەرىدىيو كوماندىسىنى يېڭىپ

چېمپىيون بولدى

«ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش.

ئۈچىنچىلىكنى تالىشىشتا

قەشقەر كۆكلەم كوماندىسى نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن

قىزىلسۇ ئوبلاستى مىراس ئېغىز بوشلۇقى كوماندىسىنى يېڭىپ

ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى

   بۇ مۇسابىقە 11-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، 13 كۈن داۋاملاشتى، 10 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 16 كوماندا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 32 مەيدان كەسكىن مۇسابىقە ئوينالدى، مۇسابىقە پۇتبول ھەرىكىتى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.