
ئىنسانلار تېخىمۇ ياخشى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشتا چوقۇم قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشى، قۇمنى تىزگىنلىشى كېرەك. بۇ، تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش جەريانى بولۇپ، ئازراقلا بوشىشىپ قالساق تەكرارلىنىش كۆرۈلىدۇ. «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش مۇشۇنداق مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.
— 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننوردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇشۇنداق تەكىتلىدى






