چېن شياۋجياڭ بىڭتۇەن شىخەنزە شەھىرى، خۇياڭخې شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، بىڭتۇەن خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك
خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرى، 7 - شى خۇياڭخې شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرى شىخەنزە باش مەيدانى 11 - ليەنىدە، ليەندۈي قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، شىخەنزە\خۇياڭخې، 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرى، 7 - شى خۇياڭخې شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەن توغرىسىدىكى ئورۇن بېكىتمىسى ۋە تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، بىڭتۇەن خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا كېلىپ، بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات شانلىق مۇساپىسى ۋە يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرى جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىبارەت جانلىق دەرسلىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى بىڭتۇەن روھى، توغراق روھى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك قۇرۇش، تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش كېرەك؛ 8 - شى شىخەنزە شەھىرى شىخەنزە باش مەيدانىنىڭ 11 - لىيەنىگە بېرىپ، ليەندۈينىڭ قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ 8 - شى تىيانشان ئاليومىن گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، خۇياڭخې شەھىرى تيەنبېي ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئېلېكتىرونلۇق يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ خۇياڭخې كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، مائارىپ سۈپىتى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ماس ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك؛ خۇياڭخې شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردە مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، چېگرانى قوغداش، مۇداپىئەنى مۇستەھكەملەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈگىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، چېگرانىڭ تىنچلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»دىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورتاق پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ساھەلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.






