كۈندىلىك تۇرمۇشتا
نۇرغۇن كىشى مۇنداق ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشى مۇمكىن
يول ماڭغاندا تىزى تۇيۇقسىز «بوشىشىپ»
يىقىلىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ
تىزنىڭ تۇيۇقسىز «بوشىشىپ» كېتىشى زادى قانداق ئىش؟

مۇسكۇللار چارچاش
ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرغاندا ياكى يول ماڭغاندا، بولۇپمۇ تولۇق ئارام ئالمىغان ئەھۋالدا، تىز بوغۇمى ئەتراپىدىكى مۇسكۇللاردا چارچاش كۆرۈلۈپ، تۇيۇقسىز ماغدۇرسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە قىسقا ۋاقىت ئارام ئالغاندىن كېيىن سەل پەسىيىدۇ.
تارىمۇش بوشاپ كېتىش ياكى زەخىملىنىش
تىز بوغۇمى ئەتراپىدىكى تارىمۇش (مەسىلەن، ئالدى قايچىلاشما تارىمۇش، ئارقا قايچىلاشما تارىمۇش قاتارلىقلار) بوغۇمنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا مەسئۇل. ئەگەر تارىمۇش بوشىشىپ كەتسە ياكى يارىلانسا، تىز بوغۇمى تۇيۇقسىز تۇراقلىقىنى يوقىتىپ، «بوشاپ» قالغاندەك سېزىم پەيدا بولۇشى مۇمكىن. تارىمۇشنىڭ زەخىملىنىشى تەنھەرىكەتچىلەر ياكى يۇقىرى سىجىللىقتىكى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر توپىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك زەخىملىنىش
يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك تىز بوغۇمى ئىچىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلىق قۇرۇلما بولۇپ، بۇغۇم بېسىمىنى پەسەيتىش ۋە تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك زەخىملەنسە ياكى يىرتىلسا، تىز بوغۇمى ھەرىكەتلەنگەندە قىسىلىپ قېلىش ياكى ماغدۇرسىزلىنىش سېزىمى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ زەخىملىنىشى ئادەتتە تىز بوغۇمىنىڭ تۇيۇقسىز تولغىنىش ھەرىكىتىدە كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، پەي توپ، ۋاسكېتبول، پۇتبول قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىدە.
لېپەك يۇمشاش كېسىلى
لېپەك يۇمشاش كېسىلى لېپەك كۆمۈرچىكىنىڭ چېكىنىشى ۋە زەخىملىنىشىنى كۆرسىتىدۇ، ياش تەنھەرىكەتچىلەر ياكى تىز بوغۇمى ئۇزاق مەزگىل ئېغىر يۈك كۆتۈرۈش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر توپىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپدار بولغان ئاغرىقلار ماڭغاندا ياكى پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشكەندە تىز بوغۇمى تۇيۇقسىز ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. لېپەك يۇمشاش كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشى تىز بوغۇمى چېكىنىش، تىز بوغۇمىنى زىيادە ئىشلىتىش، تىز بوغۇمى زەخىملىنىش قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
نېرۋا ئامىلى
تىز بوغۇمىنىڭ پائالىيىتى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر نېرۋا بېسىلىشقا ياكى زەخىملىنىشكە ئۇچرىسا (مەسىلەن، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىپ نېرۋىنى بېسىۋالسا)، تىز بوغۇمىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تۇيۇقسىز «بوشىشىپ» كېتىشتەك تۇيغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش دائىم ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت ئېغىر يۈك كۆتۈرۈش قاتارلىق كىشىلەر توپىدا كۆرۈلىدۇ.
بوغۇم ياللۇغى
سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى ياكى رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغۇم كېسەللىكلىرىمۇ تىز بوغۇمىنىڭ تۇراقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، تۇيۇقسىز ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى بولسا ھەر قانداق ياش باسقۇچىدا كۆرۈلىدۇ. ئەگەر دائىم يول ماڭغاندا تىز «بوشىشىپ» كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بىز ئالدى بىلەن يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك زەخىملىنىش ۋە لېپەك سۆڭىكى يۇمشاپ كېتىش ئامىللىرىنى ئويلىشىمىز.
بىر كىچىك ھەرىكەت ئارقىلىق تىزىڭىزدا مەسىلە بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىغىلى بولىدۇ
ئەگەر تىزىڭىزنىڭ قانداق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمىسىڭىز، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئىككى قەدەم مېڭىپ سىناپ كۆرۈڭ.

«ئۆردەك قەدىمى» ئارقىلىق تىزىنىڭ ھالىتىنى سىناش سۈرەت مەنبەسى:Men's Health
سىز ئاستا-ئاستا ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغىچە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ئاندىن ئۆردەككە ئوخشاش ئوڭ-سول پۇتىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ ئالدىغا قاراپ مېڭىڭ.
ئەگەر زوڭزىيىش جەريانىدا تىزنىڭ ئالدى تەرىپىدە يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىق پەيدا بولسا ياكى تىز چىڭقىلىپ كەتكەندەك ھېس قىلسا، بۇ تىز بوغۇمىدىكى لېپەك كۆمۈرچىكىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەگەر مېڭىش جەريانىدا تىز قىسىلىپ مىدىرلىيالمىسا ياكى تىزىنىڭ ئىچى ياكى سىرتى روشەن ئاغرىسا، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن ئەگەر ھېچقانداق بىئاراملىق ھېس قىلمىسىڭىز، سىزنى تەبرىكلەيمەن، سىزنىڭ بىر جۈپ تىز بوغۇمىڭىز ساغلام ئىكەن، ئاسراشقا دىققەت قىلىڭ! ئەگەر مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلسىڭىز، بالدۇرراق سۆڭەك بوغۇم بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىنىڭ، زۆرۈر تېپىلغاندا تىز بوغۇمىنى رېنتگېندە، MRI، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، CT قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كېچىكىپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ.
دىققەت: بۇ ئۇسۇل يوتىنىڭ مۇسكۇل كۈچى ۋە بەدەننىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا بەلگىلىك تەلەپ قويىدۇ، 50 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز. ئۆلچەشتىن بۇرۇن قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ياكى باشقىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئەگەر بوغۇملاردا ئېغىر دەرىجىدە ئاغرىش، ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بولسا، تىز بوغۇمىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ سىناقنى ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى كەسپىي دوختۇرلارنىڭ دىياگنوزىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، شۇڭا تىز بوغۇمىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە تېزدىن كەسپىي دوختۇرلارنىڭ پىكرىنى سوراش ھەمدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە دىياگنوز قويۇش تەكلىپىنى بېرىمىز.
تىزنىڭ تۇيۇقسىز «بوشىشىپ» كېتىشىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟
مۇۋاپىق ئارام ئېلىش
ئەگەر مۇسكۇللارنىڭ چارچىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرۇش ياكى مېڭىشتىن ساقلىنىش كېرەك. پۇتنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھارغىنلىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
چېنىقىشنى كۈچەيتىش
مۇۋاپىق مۇسكۇل كۈچى مەشىقى (مەسىلەن، يوتا تۆت باشلىق مۇسكۇلى ۋە تېقىم مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇش) ئارقىلىق تىز بوغۇمىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇپ، ماغدۇرسىزلىق تۇيغۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۆپ ئۇچرايدىغان چېنىقىش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش: يوتا تۆت باشلىق مۇسكۇلى ۋە ساغرا مۇسكۇلىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، لېپەك بوغۇمى كېسىلى بار كىشىلەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
پۇتنى تۈزلەپ ئېگىز كۆتۈرۈش مەشىقى: پۇتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش مەشىقى ئارقىلىق تىز بوغۇمىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرىدۇ.
تىزلىق تاقاش
قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا ياكى ئۇزاق ۋاقىت ماڭغاندا، تىزلىق تاقاش ئارقىلىق نورمىدىن ئارتۇق تىرەك ۋە قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. تىزلىق تىز بوغۇمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، يارىلىنىش خەتىرىنى ئازايتىدۇ.
ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش
زىيادە بەدەن ئېغىرلىقى تىز بوغۇمىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش تىز بوغۇمىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش
ئەگەر تىز تۇيۇقسىز «بوشاپ» كېتىدىغان ئەھۋال كۆپ يۈزبەرسە، ياكى ئاغرىش، ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كەلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە دىياگنوز قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. دوختۇر بەلكىم رېنتىگېندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق كونكرېت كېسەللىك سەۋەبىنى جەزىملەشتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىشى مۇمكىن.
تىز بوغۇمىدىن كېلىدىغان تۆت ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا دىققەت قىلىڭ
تىز بوغۇمى ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئېغىرلىق كۆتۈرىدىغان بوغۇم، قانداق قىلغاندا تىز بوغۇمىنىڭ زەخىملىنىشى ۋە قېرىشىنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟
جياڭسۇ نەنجىڭدىكى گۇلۇ دوختۇرخانىسى تەنھەرىكەت تېببىي ئىلمى ۋە چوڭلار قايتا قۇرۇش تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى شى دۇڭچۈەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىز قېرىشنىڭ تۆت ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بار.
ئېگىزگە ياماشسىلا ئاغرىش
تاغقا ياماشسىلا، پەلەمپەيدىن چىقسىلا تىز ئاغرىيدۇ. بوغۇم ئاغرىقى تىز سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تىپىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، دەسلەپتە يېنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى قىسمەن تېلىپ ئاغرىش ئالامىتى ئارىلاپ كۆرۈلىدۇ، ئاغرىق كۆپىنچە ھەرىكەت قىلغاندا ياكى چارچىغاندىن كېيىن يۈزبېرىدۇ. ئاغرىق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئورۇن تىز بوغۇمىنىڭ ئىچكى تەرىپى، ئالدى تەرىپى بولۇپ، كۆپىنچە تىنچ ئايلانغان، ئېغىرلىق كۆتۈرگەن، زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ياكى بىناغا چىققاندا-چۈشكەندە بىر قەدەر روشەن بولىدۇ.
زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تۇرغۇچە بىرەر نەرسىگە تايىنىپ تۇرۇش
زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئورنىمىزدىن تۇرغاندا، چوقۇم تىزىمىزنى تۇتىۋالساق ياكى بىر تەرەپتىكى تامنى تۇتۇپ، بىلىكىمىز بىلەن ياردەمچى كۈچكە تايىنىپ ئاندىن ئورنىمىزدىن تۇرساق، زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىمىزدىن تۇرۇشنىڭ ناھايىتى قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلساق، بۇ بەلكىم لېپەك بوغۇمىدا كۆمۈرچەك زەخىملىنىپ بوغۇم ماغدۇرسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. ئورنىدىن تۇرۇش قىيىن بولغاندىن باشقا، يەنە تىزى «بوشىشىپ» يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قېلىش مەسىلىسى دائىم كۆرۈلىشى مۇمكىن.
ئورنىدىن تۇرسىلا تىزى قېتىپ قېلىش
ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، تىزى قېتىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە ئادەتتە يېنىكرەك بولىدۇ، پەقەت ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ياكى ئۇزاق ئولتۇرغاندىن كېيىن بوغۇملارنىڭ ھەرىكىتى چاققان ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ، ئازراق ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن يېنىكلەيدۇ، بۇ ھادىسە «سەھەردە قېتىپ قېلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. سەھەردە قېتىپ قېلىش ئادەتتە بىر نەچچە مىنۇت داۋاملىشىدۇ، 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. ھەرىكەتنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى يەنە بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتلىنىش سالمىقىنىڭ يىنىكلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئاكتىپ ھەرىكەت ۋە پاسسىپ ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئىككىلا تەرەپتە يېنىكلەيدۇ.
ھەرىكەت قىلسىلا ئىششىپ قېلىش
ئەگەر كۆپ ماڭسا، ئۇزاق تۇرۇپ قالسا، يول ماڭغاندا ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرسە ياكى تاغقا ياماشسا، بىناغا چىقسا، تىزى ئىششىپ قالىدۇ، بۇ بەلكىم تىز بوغۇمى سىلىق پەردە ياللۇغى سەۋەبىدىن تىز بوغۇمىغا سۇ يىغىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماي، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالاتقاندىلا، ئاندىن تىزنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
بۇ بىر قانچە نۇقتىنى ياخشى ئىشلىگەندە، تىز بوغۇمىنى ئون نەچچە يىل كۆپرەك ئىشلەتكىلى بولىدۇ
تەركىبىدە كالتسىي بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭشەن شەھەرلىك 5-خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جۇ شياۋخۇا مۇنداق كۆرسەتتى: كالتسىي تولۇقلىغاندا تىز بوغۇمىنى ئۈنۈملۈك ئاسرىغىلى بولىدۇ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، كۆكتات ۋە قىزىل دېڭىز يوسۇنى، خەيدەي، راك، بېلىق قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك يېيىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىپ كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش
ئاقسىل تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسى سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىش جەريانىدىكى زۆرۈر ماددا. «بىرلەمچى سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقى ۋە ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى»دا، ھەر بىر ئادەم كۈنىگە 1.0 ~ 0.8 گىرام/كىلوگىرام ئاقسىل قوبۇل قىلىشى كېرەك، دەپ تەكلىپ بېرىلگەن.
كۆپ خىل ئاقسىلنى قوبۇل قىلىش، ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بىلەن ھايۋانات ئاقسىلىنى ماسلاشتۇرۇش ئاقسىلنى قوبۇل قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى، تۇخۇم، كالا سۈتى ياكى قېتىق، بېلىق، راك، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى گۆشى، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
ئاياغ چەمى بەك نېپىز بولۇپ كەتمەسلىك
چەمى يۇمشاق، تىرەش ئىقتىدارى ياخشى ئاياغلارنى تاللاش، ئاياغ چەمى بەك نېپىز بولۇپ كەتمەسلىك، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيمەسلىك لازىم. كۈندىلىك تۇرمۇشتا پاشىنىسى 3 ~ 2 سانتىمېتىر بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق تىز بوغۇمىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
مادارىغا بېقىپ ھەرىكەت قىلىش
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھەرىكەتلەرنى تاللاش، بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتىنى ياخشى ئىشلەش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، پەي سوزۇش كېرەك. قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا، بەدەن قىزىتىش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
ھەرىكەت تۈرىدە تېز مېڭىش، ئاستا مېڭىش، ئۆي ئىچىدە ۋېلىسىپىت مىنىش، سۇ ئۈزۈش، پۇتنى ئېگىز كۆتۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان بىرىكمىسى بولسا بولىدۇ، بۇلار تىزنى قوغداشتىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت شەكلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىزغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
بوغۇمنى ئىسسىق ساقلاش
سەنشى تېببىي داشۆسى 2-دوختۇرخانىسى سۆڭەك بوغۇمى ۋە تەنھەرىكەت تىببىي ئىلمى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاڭ مىن ئىلگىرى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق بىلدۈرگەن: تىز بوغۇمىغا سوغۇق ئۆتۈپ قالسا، قان ئايلىنىش راۋان بولماي، ئاغرىش ۋە بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، سوغۇق ھاۋادا تىز بوغۇمىنى ئىسسىق ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى كىيىملەرنى كىيگەندىن باشقا، يەنە ئىسسىق ساقلاش، قوغداش تىزلىقى تاقاش، قېلىن پايپاق كىيىش، پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ۋە ئىسسىق ساقلاش چاپلىقى چاپلاش قاتارلىق قوشۇمچە ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تىز بوغۇمىنىڭ سوغۇقتىن ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش
سىچۇەن داشۆسى خۇاشى دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى ما جۈن ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇزاق تۇرۇش، ئۇزۇن يول مېڭىش، ئۇزاق زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن، پولدا يۈكۈنۈپ يەر سۈرتۈش قاتارلىقلار، بوغۇملارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، بوغۇملارنىڭ چېكىنىشىنى تېزلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامال بار ئۇزاق مۇددەت پەلەمپەيدىن چىقىش، دۆڭگە چىقىش، تاغقا يامىشىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش، ئۇزاق ۋاقىت پاكار ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشتىن، شۇنداقلا ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
«جۇڭگو ئاخبارات تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






