قېتىق بىلەن شاتاڭجۈنىڭ ھەر ئىككىسى تەملىك بولغان ئۇششاق يېمەكلىك بولۇپ، توردا «بۇ ئىككىسىنى تەڭ يېسە بولمايدۇ، بىللە يېسە چۆكمە پەيدا بولۇپ، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قېتىق ئىچكەن ۋاقىتتا شاتاڭجۈ يېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ» دېگەن گەپلەر تارقالدى. ئۇنداقتا، قېتىق بىلەن شاتاڭجۈنى راستىنلا «بىللە» ئىستېمال قىلىشقا بولمامدۇ؟

سۈرەت مەنبەسى: «كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو»
دۆلەت ساغلاملىق پەن-تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى، سەنشى تېببىي داشۆسىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى چېڭ جىڭمىن «جۇڭگو ئىستېمالچىلار گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: قېتىق ياكى سۈت بىلەن شاتاڭجۈ «بىر-بىرىگە زىت» دېگەن قاراشتا ئاساسلىقى ئىككىسى ئۇچراشقاندا چۆكمە پەيدا بولىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان، بۇ ئەمەلىيەتتە ئاقسىلنىڭ ئۇيۇش ھادىسىسى بولۇپ، بۇ خىل ئۇيۇش قېتىق ياكى كالا سۈتىدىكى ئاقسىل شاتاڭجۈ تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا بىلەن ئۇچرىشىپ خۇسۇسىيىتى ئۆزگىرىپ قېتىشىشتىن كېلىپ چىققان. خۇسۇسىيىتى ئۆزگەرگەن ئاقسىل كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ ئاسان ھەزىم بولىدۇ. بۇ تەبىئىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ يېمەكلىك بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئەگەر ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئىچى سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، لاكتوزىغا (سۈت -شېكەر) بەرداشلىق بېرەلمەسلىك ياكى يېمەكلىك بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىچى سۈرۈش بولۇشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن قېتىق بىلەن شاتاڭجۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش ھەمدە يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، قېتىق بىلەن شاتاڭجۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلغاندا تەمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، بازاردا كۆپ ئۇچرايدىغان مېۋە قېتىق (كالا سۈتىگە مېۋە ئېتى، مېۋە تەمى ياكى مېۋە مۇرابباسى قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى قوشۇپ، سۈت كىسلاتاسىنى ئېچىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۈتسىمان مەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ) ئىچىدىمۇ جۈزە دانىسى + قېتىق بىرىكمىسى بار. مېۋە ماتېرىيال قىلىنغان قېتىقنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولغاچقا بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە قېتىق بىلەن شاتاڭجۈنى «بىللە ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى يوقغا چىقىرىدۇ. (مۇخبىر لى جيەن)
«جۇڭگو ئىستېمالچىلار گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






