تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

پۈتۈن مەملىكەتتىكى 360تىن ئارتۇق يەسلى مائارىپى خىزمەتچىسى شىنجاڭدا جەم بولۇپ، «بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش» توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلى باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ «قوش نام پىلانى» بويىچە تەربىيەلەش بازىسىنىڭ ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش پائالىيىتى فۇكاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

11-ئاينىڭ 20-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلى باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ «قوش نام پىلانى» بويىچە تەربىيەلەش بازىسىنىڭ تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش پائالىيىتى فۇكاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.        جاڭ پېڭ فوتوسى

    بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلى باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بېيجىڭ، سەنشى، شاڭخەي، ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭ قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىن كەلگەن 360تىن ئارتۇق ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى مۇتەخەسسىسى، داڭلىق يەسلى باشلىقلىرى ھەم 1-سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار «تىيانشاندا جەم بولۇش. بالىلارنى قەلبتىن تەربىيەلەش. مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش − ئورتاق گەۋدە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مائارىپچىلار روھىنى تاۋلاش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

   ​بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي جەريانى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئاقىل مائارىپ سۇپىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەسلى مائارىپى خىزمەتچىلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئورتاق ھەمبەھرىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مائارىپچى تىپىدىكى يەسلى باشلىقى»نى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ كۆلەمنى كېڭەيتىشتىن ماھىيەتلىك مەزمۇننى بېيىتىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.