تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

چۈەن خۇڭچەن شىنجاڭدا پەيدا بولدى!

11-ئاينىڭ 26-كۈنى

 ئولىمپىك چېمپىيونى چۈەن خۇڭچەن

 جەمئىيەت ئالاقە سۇپىسىدا قار تېيىلغان سىننى ئېلان قىلغان بولۇپ

 «قىزىقارلىق ئىكەن» دەپ يېزىپ قويغانىدى

 ئۇنىڭ IP ئادرېسى شىنجاڭ دەپ كۆرسىتىكلىك ئىدى

@ چۈەن خۇڭچەن ۋېيبوسىدىن كېسىپ ئېلىنغان

11-ئاينىڭ 25-كۈنى

بىر تورداش شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى

 جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا

 چۈەن خۇڭچەننى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالدى

 ئۇ ھال رەڭ قار تېيىلىش كىيىمى كىيىپ

 ھال رەڭ تاشپاقا شەكلىدىكى قار تېيىلىش قوغدىنىش ئەسۋابى تاقىۋالغان بولۇپ

 ئوماق ھەم كىشىنى جەلپ قىلاتتى

 بۇ قېتىمقى قار تېيىلىش دەم ئېلىش-كەيپىياتىنى تەڭشەش مەزگىلىدىكى بەدەن بوشىتىش بولۇپ

 بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئۇنىڭ زەخىملەنگەن پۇتىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىغا قارىتا

 گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى

 ئۇنىڭ يارىسىنىڭ تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

 ئىگىلىنىشىچە

 چۈەن خۇڭچەن ئىلگىرى زىيارەتتە

 قار تېيىلىشنى سىناپ باققۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن

قار تېيىلىشنى يېڭى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن

 ئۇ تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەككە تاختىدا قار تېيىلىشنى سىناپ باققان

قار تېيىلىش ھەرىكىتىدە سەل پىششىق بولمىغان جايلىرى بولسىمۇ ئىلگىرىلىشى كۆرۈنەرلىك بولغان

 نۇرغۇن تورداش

 چۈەن خۇڭچەننىڭ سەپىرىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى

 خۇشال ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى

 «شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، گۈزەل مەنزىرىسى ئىنتايىن كۆپ،

قانغۇچە ھۇزۇرلىنىڭ»

 قىش پەسلى دەل قار تېيىلىشنىڭ ياخشى پەيتى

شىنجاڭدىكى ئەۋزەل قار-مۇز شارائىتى

 ھەرقايسى جايلاردىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى كېلىپ ھېس قىلىپ بېقىشقا جەلپ قىلماقتا

قار تېيىلىش ھەۋەسكارى جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا بەھۇزۇر قار تېيىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى تەمىنلىگەن سۈرەت

11-ئاينىڭ 18-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلماقتا. ئارداق بېيسقان فوتوسى

 ​يېقىندا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىنىڭ شەرقىي رايونىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا. مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

 تېز شىنجاڭغا كېلىڭ

 چۈەن خۇڭچەنگە ئوخشاش قار تېيىلىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىڭ

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى   

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.