مەنبەسى: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ۋاڭ چىن بىلەن چېن جيەنشۇ كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق پاراڭلاشماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇن، كەچكى شەپەق بورتالا شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ بورتالا شۆبە مەكتىپى) ھويلىسىغا ئالتۇن رەڭدىن ھەل بەردى. ئوقۇتۇش بىناسىدا 54 ياشلىق ۋاڭ چىنجېڭ بىلەن ئۇنىڭ 30 ياشلىق ئوغلى چېن جيەنشۇ باش چۆكۈرۈپ مەسىلە يېشىش تەپەككۇرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتاتتى __ ۋۇخەنلىك بۇ ئانا-بالىنىڭ ئوخشاش بىر مەكتەپتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى بولۇشتەك ئالاھىدە سالاھىيىتى خۇبېينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 26 يىلدىن بۇيانقى تىپىك مىسالى بولۇپ قالغانىدى.

11-ئاينىڭ 24-كۈنى، چېن جيەنشۇ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بېسىمنى يەڭگىللىتىش ئويۇنى ئوينىماقتا.
2024-يىلى 8-ئايدا، 33 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژىغا ئىگە ۋۇخەن شەھەرلىك 15-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ چىن يەتتە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژىغا ئىگە ۋۇخەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى 3-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن جيەنشۇ بىلەن بىللە يۇرتى بىلەن خوشلىشىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سەپىرىگە ئاتلاندى. «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپ، مەن بىرىنچى بولۇپ ئوغلۇمنى ئويلاپ، ئۇنىڭ <راھەت بەلباغ>دىن چىقىپ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلدىم.» ۋاڭ چىننىڭ ئويى ئېرى چېن خەنخۇڭنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى: «چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى».
بورتالادا، ۋاڭ چىن تولۇق 2-يىللىقنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولدى، چېن جيەنشۇ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تولۇق 3-يىللىق ئىككى سىنىپنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئىككى سائەتلىك ۋاقىت پەرقى رىتىمنى قالايمىقانلاشتۇرالمىدى، ئۇلار خۇبېينىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسى بىلەن شۇ جاينىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىنى ئۆستۈردى. ۋاڭ چىن ئاساسى ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم-ئايرىم دەرس تەكرار قىلىپ بەردى، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچى شياۋ خۇينىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى 40 نومۇر يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ چېن جيەنشۇ ئابىستىراكت بىلىملەرنى كونكرېتلاشتۇردى، ئۇنىڭ خىزمەت ئۈستىلىنىڭ ئەتراپى سوئال سورىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولۇپ كېتەتتى. ئوقۇغۇچى شۆ جې ھاياجانلانغان ھالدا: «ۋاڭ مۇئەللىمنىڭ ئۇسۇلى ماڭا بەك ماس كېلىدۇ، سىنىپىمىزنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېدى.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، چېن جيەنشۇ ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا دەرسى ئۆتمەكتە.
ئانا-بالا بىر مەكتەپتە، ئۇلار ھەم خىزمەتداش، ھەم بىر-بىرىنىڭ «ياردەمچىسى». بىر قېتىم چېن جيەنشۇ ۋاقتىنچە سىرتقا چىقىدىغان بولۇپ قېلىپ مېڭىشقا تەمشەلگەندە ئوقۇغۇچى جاڭ جىڭخەن ئىمتىھان قەغىزىنى كۆتۈرگىنىچە ياردەم سورىغىلى كىرىپ كەلدى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ياتاق تەرەپنى كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىسغا ئاپىسى ۋاڭ چىننى ئىزدەشنى ئېيتتى. جاڭ جىڭخەن بۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئانا-بالا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەيران بولۇپ: «ھېسابتا سىنىپىمىزنىڭ ئىككى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بار ئىكەن!» دېدى. بۇنداق ماسلىشىش بۇ ئانا-بالا ئوقۇتقۇچىلارغا نىسىبەتەن ئاللىقاچان ئادەتكە ئايلانغانىدى __ چېن جيەنشۇ ۋۇخەندىكى ۋاقتىدا ئاپىسى بىلەن ئوقۇتۇش تەسىراتى توغرىسىدا دائىم پىكىر ئالماشتۇراتتى.
«ھەم ھەمكارلىشىمىز، ھەم رىقابەتلىشىمىز.» ۋاڭ چىن ئۆزىنىڭ ئوغلىدىن يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى ئۆگەنگەنلىكىنى، چېن جيەنشۇنىڭ بولسا ئاپىسىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار «كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى»غا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسى، بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن «قان ئىشلەپ» بەردى. تولۇق ئىككىنچى يىللىق ماتېماتىكا گۇرۇپپىسى دەرس تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ شياۋ مۇنداق دېدى: «ئۇلار كەسىپتە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچىلار، بىز مەسىلىگە ئۇچرىساق دائىم ۋاڭ مۇئەللىمدىن مەسلىھەت سورايمىز».
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ۋاڭ چىن ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا دەرسى ئۆتمەكتە.
54 ياشلىق ۋاڭ چىن ئىلگىرى چارچاپ كەتكەنلىكتىن قۇلاق تېشى كېسىلى قوزغىلىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرغانىدى؛ چېن جيەنشۇ ئوقۇتۇش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ۋۇخەنگە كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا بورتالادىكى ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى. بۇ ئانا-بالا ئوقۇتقۇچىلار ئىككى ھەسسە چىڭ تۇرۇش ۋە قىزغىن مۇھەببەت بىلەن چېگرا رايوندىكى مۇنبەردە مائارىپ ھېكايىسىنى يازماقتا ئىدى. خۇددى خىزمەتدىشى ليۇ پىڭفاڭ ئېيتقاندەك: «ئۇلار مەكتەپتىكى بىر يارقىن نۇقتا، بىزنى بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ».






