ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 6-قېتىملىق كەسىپ جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ يار-يۆلەك بولۇش ۋە «قىشلىق پەن-تېخنىكا» پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا باشلاندى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىككى شەھەر، تۆت ناھىيەسىدىكى 21 يېزا-بازارنىڭ 41 كەنتى(مەھەللە)دە سەككىز كۈنلۈك پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى، داۋالاش-ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئىدىيەسى ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ، شىنجاڭدا 2026−2025-يىللىق «قىشلىق پەن-تېخنىكا» پائالىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، داۋالاش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن ئالتە نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئالدى بىلەن قورغاس شەھىرىنىڭ ئىچېگاشەن شىبە يېزىسى، شىڭچېڭ كوچا باشقارمىسى قاتارلىق تۆت نۇقتىغا بېرىپ مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى. كەسىپ ئارقىلىق يار-يۆلەك بولۇش نەق مەيدانىدا، مۇتەخەسسىسلەر كالا-قوي بورداقچىلىق-باقمىچىلىقى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، باغ-ئورمانچىلىق بويىچە كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى چۆرىدەپ، مەركەزلىك يېتىشتۈرۈش، نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىش، قىيىن مەسىلىلەرگە بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا يولۇققان قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.
«مۇتەخەسسىسلەر چاتاش ماھارىتىنى بىرمۇبىر ئۆگەتتى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى ئېنىق ئۆگەتتى، كېلەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىشقا ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولدى!» دېدى قورغاس شەھىرى ئىچېگاشەن شىبە يېزىسى چىجېگاشەن كەنتىدىكى باغۋەن ما جىنلۇڭ ئاممىنىڭ ئومۇمىي تەسىراتىنى ئېيتىپ.
خالىس كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىدىمۇ ئادەم ئوخشاشلا كۆپ بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسى، بىڭتۇەن دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ئاممىنى قان بېسىمىنى، قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاياللار ساغلاملىقى، جۇڭيى تىبابىتى بويىچە كۈتۈنۈش، سوزۇلما كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش قاتارلىق بىلىملەر توغرىسىدا نۇقتىلىق لېكسىيە سۆزلەپ، دورا ئىشلىتىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەپسىلىي تاپىلىدى.
ئاقىل يېزا ئىگىلىكى بويىچە يېتىشتۈرۈش ھالقىسىدا، مۇتەخەسسىسلەر تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۇستىلىرىغا يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرى ۋە ئومۇمىي مەشغۇلات جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، پەن-تېخنىكىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «ياخشى ياردەمچى»گە ئايلاندۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە كەسپى تېخنىكا بويىچە يېتىشتۈرۈش، ساغلاملىق بويىچە خالىس كېسەل كۆرۈش ۋە ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى كېڭەيتىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «قىشتىكى بوش ۋاقىت»نى «قىشتىكى ئالدىراش ۋاقىت»قا ئايلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەن، مەدەنىيەت ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






