مەنبەسى: چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
11-ئاينىڭ 17-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شېڭشى چياڭنۇڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىق بازىسىدىكى كۆكتات پارنىكىغا كىرگىنىمىزدە كۆكتاتلارنىڭ سۇس خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، شوخلىچاق، خاڭگا، لازا قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملار ئۈزۈش، ئايرىش، يەشىكلەرگە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، نەق مەيداندا قاينام تاشقىنلىق مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

شېڭشى چياڭنۇڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى چېڭ شۈەيجۈن مۇنداق دېدى: «بازىدا نۆۋەتتە 110 پارنىك بار، لازىنىڭ بىر كۈنلۈك ئۈزۈلۈش مىقدارى 12 توننا، قايماق خاڭگا، مېۋە خاڭگانىڭ بىر كۈنلۈك ئۈزۈلۈش مىقدارى 100 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى چاقىلىق، كورلا ۋە ئۈرۈمچىدىكى توپ سېتىش بازارلىرىغا سېتىلىدۇ».
بۇ بازا بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، بۇ يىل قايماق خاڭگانىڭ يېڭى سورتىنى كىرگۈزدى، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، ئوماق، مېۋىسى تۈپتۈز ھەم سىلىق، تەمى ئادەتتىكى خاڭگاغا قارىغاندا تېخىمۇ چۈرۈك، شىرنىلىك بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.



«يېڭى سورتلۇق خاڭگا بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئالايىتەن كېلىپ تېتىپ باقتىم، بۇ خاڭگا چۈرۈك، شىرنىلىك ئىكەن، يەنە سۇس سۈت ھىدى چىقىپ تۇرىدىكەن، بەك ئالاھىدە ئىكەن!» دېدى ساياھەتچى سۇڭ فېي يېڭىلا ئۈزگەن قايماق خاڭگانى ئېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇ كۆپرەك سېتىۋېلىپ ئۆيىدىكىلەرگە تېتىتىپ باقماقچى بولدى.
بۇنىڭدىن باشقا، شېڭشى چياڭنۇڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىق بازىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە مەركىزىدە، رەت-رەت شوخلىچاقلار تىرەك جازىنى بويلاپ «بەھۇزۇر» ئۆسكەنىدى، قىپقىزىل، ساپسېرىق شوخلىچاقلار شاخلارغا غۇچچىدە تىزىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزگىچە سۇس خۇش ھىدىنى تارقىتىپ، كىشىنى ئادەتتىن تاشقىرى جەلپ قىلاتتى.


«بىز ھەر كۈنى سۇغىرىش، ياۋا شاخلىرىنى پۇتاش قاتارلىق پەرۋىش ئىشلىرىنى ئوبدان قىلىپ، شوخلىچاقلارنىڭ ياخشى چۈشۈپ پىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارغا يېڭى، تەملىك شوخلىچاقلارنى تېتىتىمىز» دېدى شىركەت خىزمەتچىسى ئايشەم تاھىر.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بازىنىڭ بۇ يىل پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 400 مو بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 6000 توننىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز خاس مېۋە، كۆكتاتلارنى تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئامباردا ساقلاش ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئەلالاشتۇرىمىز» دېدى چېڭ شۈەيجۈن.
(چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن تۇرسۇنئاي تۇردى، ۋاڭ جۇڭشىن، نۇرئەخمەت ئەمەر)






