تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

چىرا ناھىيەسى دامىكۇ يېزىسىنىڭ قىش پەسلىدە قۇم تىزگىنلەش ئەپچىل چارىسىنى چۈشىنىپ باقايلى

مەنبە: چىرا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

   تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى چىرا ناھىيەسىدە، كەچ كۈزدىن باش قىشقىچە، قوغداش ۋە ئۈمىد توغرىسىدىكى بىر مەيدان قۇم تىزگىنلەش ھەرىكىتى چىرا ناھىيەسىنىڭ دامىكۇ يېزىسىدا داۋاملىق قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى ___ گۈلتېرىغان كەنتىنىڭ كۈز-قىش پەسىللىك كۆچەت تىكىش قىزغىنلىقى تېخى سۇسلاشمىغانىدى، داشكۆل كەنتىدە قىشلىق مۇداپىئە بويىچە كۈچ ئۇلاش قانات يايدۇرۇلدى، كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىر جۈپ قولىنى قەلەم، تەرىنى سىياھ قىلىپ، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە «قۇم چېكىنىپ، بوستانلىق ئىلگىرىلەش»نىڭ جانلىق مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ چىقتى.

دامىكۇ يېزىسى كادىرلار ۋە ئاممىنى تەشكىللەپ، كۈز-قىش پەسىللىك كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

   كۆچەت تىكىپ ئۇلنى پۇختىلاش: پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى كۆچەتلەرنى يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەش

   11-ئاينىڭ 15-كۈنى، دامىكۇ يېزىسىنىڭ گۈلتېرىغان كەنتىدىكى ئېتىزلاردا پارتىيە بايرىقى بىلەن كۆچەتلەر شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن خەلق ئاۋىياتسىيىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قول تۇتۇشۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، گۈزەل ماكان بەرپا قىلىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا، كادىرلار ۋە ئامما يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىدىغان دەرەخلەرنىڭ كۆچىتىنى تىكمەكتە.

   پائالىيەتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تولۇق تەييارلىق قىلغانىدى: كۈز پەسلىدىكى كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، سوغۇققا چىداملىق كۆچەتلەرنى ئىلمىي تاللاپ، تېرىقچىلىق رايونىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، ئىش تەقسىماتىنى ھەر بىر ئىش تەرتىپىگىچە ئىنچىكىلەشتۈردى؛ كۆچەت تىكىش نەق مەيدانى تېخىمۇ قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى  __ پارتىيە بايرىقى لەپىلدەپ تۇرغان جايدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن گۈرجەك بىلەن توپا توشۇدى، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆچەتلەرنى تىكىدىغان جايلارغا توشۇدى، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈزلۈك كۆچەت تىكىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىغا قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى.

كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا كادىرلار ۋە ئامما يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىدىغان دەرەخلەرنىڭ كۆچىتىنى تىكمەكتە.

   پۈتۈن بىر كۈن جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق، قاتار-قاتار يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەتلەر رەتلىك قەد كۆتۈرۈپ، كەچ كۈزدىكى قۇملۇققا ھاياتىي كۈچ قوشتى. بۇ پائالىيەت كەنتنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، كۆچەت تىكىشنى ۋاسىتە قىلىپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. 

   كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىن مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولىدىغان باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، سۇغىرىش، سوغۇقتىن، ھاشاراتتىن مۇداپىئەلىنىشكىچە پۈتۈن جەرياندا ئىز قوغلاپ، «بىر تۈپ كۆچەت تىكىپ ئەي قىلىپ، بىر پارچە ئورمانلىق بەرپا قىلىش»قا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىمۇ ئىقتىسادىي ياردەم ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بىلەن يېزا -كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىللىقنى كەنت تەرەققىياتىنىڭ روشەن ئاساسىي رەڭگىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

   قىشلىق ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش: پەن-تېخنىكا ئارقىلىق مۇداپىئە سېپى پۇختىلاندى، پارتىيە بىلەن ئامما بىر نىيەتتە ماكانىنى قوغدىدى

   كۆچەتلەر يىلتىز تارتىۋاتقاندا، دامىكۇ يېزىسى داشكۆل كەنتىنىڭ قىش پەسىللىك قۇمنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. 11ـ ئايدىكى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە، سوغۇق شامال ئۇششاق قۇملارنى ئۇچۇرۇپ ئېتىز قىرلىرىنى سىيپاپ ئۆتەتتى، بىراق قۇم تىزگىنلەش نۇقتىسىدا ئوتتەك قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇراتتى. 200دىن كۆپ كەنت ئاھالىسى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۆكسۆك كۆچىتىگە ئىسسىق ساقلاش يوپۇقى ئوراش، ئوت-چۆپ كاتەكچىلىرىنى مۇستەھكەملەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قاتتىق سوغۇق ۋە قۇم ـ بوران ئۈچۈن «قىشلىق مۇداپىئە سېپى» قۇردى.

   «قىش پەسلىدە قۇم-بوران ئەتىياز پەسلىدىكىدەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن تۇپراق قاتلىمى توڭلىغاندىن كېيىن، كۆچمە قۇم تېرىلغۇ يەرلەرگە تېخىمۇ ئاسان ھۇجۇم قىلىدۇ، شۇڭا چوقۇم تۇپراق توڭلاشتىن بۇرۇن ياخشى قوغداش ئېلىپ بېرىش كېرەك!» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇراخمان ياسىن گۈرجەك بىلەن ئوت-چۆپ كاتەكچىلىرىنىڭ گىرۋىكىدىكى قۇملارنى چىڭدىغاچ، كەنت ئاھالىلىرىگە شۇنداق تەكىتلىدى. داشكۆل كەنتىدە 1200 مو تېرىلغۇ يەر كۆچمە قۇم بارخانلىرىغا يېقىن بولۇپ، ئىلگىرى 11-ئايدا بوران كۆپ چىقاتتى، كۆچمە قۇمنىڭ ھۇجۇمى بىلەن تېرىلغۇ يەر ھوسۇلى كېمىيىپ كېتەتتى. بۇ يىل كۈز كىرگەندىن بۇيان، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئالدىن پىلانلاپ، «كۆچەت پەرۋىش قىلىش + ئوت-چۆپ كاتەكچىسىنى مۇستەھكەملەش + قۇم توسىقىنى يېڭىدىن سېلىش»تەك قىش پەسىللىك قۇمنى تىزگىنلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، «تېرىلغۇ يەرگە كاپالەتلىك قىلىش، ھوسۇلنى قوغداش»نى يادرولۇق نىشان قىلدى.

كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا كادىرلار ۋە ئامما يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىدىغان دەرەخلەرنىڭ كۆچىتىنى تىكمەكتە.

   قىش پەسلىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا كۆچەت تىكىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ تېخنىكلىرىنى كەنتتە تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق سۆكسۆك، يۇلغۇننى ئاساسلىق كۆچەت قىلىپ تاللىدى. «قىش پەسلىدە كۆچەت تىككەندە <چوڭقۇر تىكىش، تېيىز كۆمۈش> كېرەك، يىلتىز سىستېمىسىنى 30 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا كۆمۈپ، توڭ تۇپراق قاتلىمىدىن يىراق قىلىپ، سىرتقى قەۋەتتىكى قۇم توپىنى يېنىك چىڭدىغاندا، ھەم تېمپېراتۇرىنى ساقلىغىلى، ھەم سۇنى ساقلىغىلى بولىدۇ.» تېخنىك ئابدۇقادىر مەمەت قۇملۇقتا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تىكىش نۇقتىسىنى تەڭشەشنى قولمۇقول ئۆگەتتى، 62 ياشلىق كەنت ئاھالىسى توختىخان ئابدۇراخمان تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ قاتناشتى: «ئىلگىرى قىشتا ئېتىزلارنىڭ قۇمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقىنىنى كۆرۈپ تىت-تىت بولاتتىم، ھازىر تېخنىك يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بىزمۇ تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايمىز!»

   ئوت-چۆپ كاتەكچىلىرىنى مۇستەھكەملەش قىش پەسىللىك قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى. كەنتنىڭ غەربىدىكى كۆچمە قۇم رايونىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، قومۇش دەستىلىرىنى كۆتۈرۈپ، بەلگە سىزىقىنى بويلاپ ئوت - چۆپ كاتەكچىسى ياتقۇزدى. ھازىرغا قەدەر، كەنتتە 800 مو يەردىكى كونا ئوت-چۆپ كاتەكچىسى مۇستەھكەملەندى، يېڭىدىن 300 مو يەرگە ئوت-چۆپ كاتەكچىسى ياسالدى، قاتار-قاتار قومۇش كاتەكچىلىرى خۇددى «مۇداپىئە ساۋۇتى»غا ئوخشاش قۇملۇققا يېيىلدى.

   قۇمنى تىزگىنلەش نەتىجە-ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى يەنە «پارتىيە ئەزالىرى قىش پەسىللىك ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش ئەترىتى» تەشكىللەپ، قۇمنى تىزگىنلەش رايونىنى 12 مەسئۇلىيەت رايونىغا ئايرىپ، پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن بۆلەكلەر بويىچە چارلىدى. ھازىر ھەر كۈنى سەھەردە چارلاپ تەكشۈرۈش، خاتىرە قالدۇرۇش، ھەر ھەپتىدە مەركەزلەشتۈرۈپ ئاسراش مۇقىم خىزمەتكە ئايلاندى.

   قۇم تىزگىنلەش نۇقتىسىدا، گىرەلىشىپ كەتكەن كۆچەتلەر، رەتلىك تىزىلغان ئوت-چۆپ كاتەكچىلىرى ھەمدە ئالدىراش سىيمالار زىمىستان قىشتىكى ئەڭ ئىللىق «يېشىل مەنزىرە»نى بىرلىكتە سىزىپ چىقتى. بۇ يەردە «قۇم چېكىنىپ يېشىللىقنى ئىلگىرىلەش» ئۈمىدى ھەر تۈپ مايسا بىلەن بىرلىكتە قىشتىكى قۇملۇقتا قەيسەرلىك بىلەن ياشناپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئېكولوگىيە ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت قوش ئاساس سالدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئارزۇگۈل ئايجامال، سۈن خۇڭخۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.