تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭلىق ئوغۇل بالا توپنى ئوڭدىسىغا ئۆرۈلۈپ تېپىپ ۋارتاغا كىرگۈزگەن شۇ دەقىقە! بارلىق قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ

11-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىدە

بىر ئوغۇل بالا ئوڭدىسىغا ئۆرۈلۈپ توپ تېپىشنى جاپالىق مەشىق قىلدى

 كەسپىي توپ مەيدانى يوق

تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىمۇ يوق 

لېكىن بۇ يەردە پەقەت بىر ئاددىي ئوغۇل بالىنىڭ 

پۇتبولغا بولغان ساپ قىزغىن مۇھەببىتى بار

قايتا-قايتا سەكرەش، ئۆرۈلۈش، ۋارتاغا توپ تېپىش...

بىز ئۇنىڭ قانچە قېتىم مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلمەيمىز

لېكىن ئۇنىڭ ئۈن-تىنسىز قەتئىي داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز

 تاكى ئاشۇ بىر قېتىملىققىچە

ئۇ بوشلۇققا سەكرەپ ئۆرلىدى

پۇتبول بىر پارابولا سىزىقىنى بويلاپ

ئۇدۇل ۋارتاغا كىردى

شۇ  دەقىقىدە ئاققان بارلىق قان-تەر جاۋابقا ئېرىشتى

خۇشاللىق ئېكران ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى

 تورداشلار ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭراتتى

ئوڭدىسىغا ئۆرۈلۈپ توپ تېپىشنى تاماملاش

ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان پارتلاش كۈچىنى

بەل-قورساق كۈچى ۋە بەدەننىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ

تېخىمۇ  مۇھىمى ئۇ تېخنىكا بىلەن جۈرئەتنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ

بۇ پەقەت چىرايلىق توپ كىرگۈزۈش شەكلى بولۇپلا قالماي

تېخىمۇ مۇھىمى «قىزغىن سۆيۈش ۋە چىڭ تۇرۇش» توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايە

شىنجاڭلىقلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە

مەڭگۈ ئىشەنسىڭىز بولىدۇ

11-ئاينىڭ 15-كۈنى

2025-يىللىق شىنجاڭ «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى

ئاتۇش شەھەرلىك پۇتبول باغچىسىدا باشلاندى

بىرقانچە كۈنلەردىن بۇيان

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر كوماندىلىرى 

يېشىل چىملىق مەيداندا جاسارەت بىلەن ئېلىشتى

قالتىس رىقابەتلىشىش پۈتۈن مەيدان كەيپىياتىنى ئەۋجىگە چىقاردى

تاماشىبىنلار ئورنىدا

ھاسا تۇتقان ئاق چاچلىق بوۋاي، بالا كۆتۈرۈۋالغان ئانىلار

 مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ئوقۇغۇچىلار... بار ئىدى

ئۇلار تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ

  ئاق-قارا رەڭ ئارىلاش ئاشۇ پۇتبولنىڭ 

قانداق قىلىپ يۈگۈرۈش ۋە يەتكۈزۈلۈش جەريانىدا

پۈتۈن بىر شەھەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى

 توپ مەستانىلىرى ئاتۇش شەھەرلىك پۇتبول باغچىسىدا مۇسابىقە كۆرمەكتە.    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو فوتوسى

مۇسابىقە مەيدانىدا

«شەكىل چىقىرىپ ئالداپ ئۆتۈش» «ئوڭدىسىغا ئۆرۈلۈپ توپ تېپىش» «يىرىقتىن توپ تېپىپ كىرگۈزۈش»

«ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدە قالتىس كۆرۈنۈشلەر ئۈزۈلمىدى

پۈتۈن مەيدان قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى

بۇ بىپايان تۇپراقتا

 پۇتبول چوڭقۇر مۇھەببەتلىك تىلدىن

يېشىل چىملىق مەيدان قايناق مۇھبەتكە تولغان يۇرتتىن دېرەك بېرىدۇ

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.