تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (202) | سۈرئەت ئارقىلىق تالانتىنى نامايان قىلىش، ساپ گۈزەللىككە يوشۇرۇنغان ھاياتىي كۈچ

   باش قىشتىكى شىنجاڭ جانلىقلىق بىلەن جىمجىتلىق ئارىسىدا بىردىنلا شېئىرىي گۈزەل تۈسكە كىردى. شېنجېن مۇسابىقە مەيدانىدا، شىنجاڭلىق كىچىك چاقلىق ۋېلىسىپىت ماھىرلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، سۈرئەت ئارقىلىق شان-شەرەپ قۇچتى؛ بۇرچىندىكى تاغلار ئارىسىدا، ئاق بوغۇز بۆكەنلەر ئوزۇق ئىزدەپ بىر-بىرى بىلەن ئويناشتى، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان جانلىقلارنى خاتىرجەم ماكانلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

   باغراش كۆلىنىڭ زۇمرەتتەك سۈيىدە ئاسمان ئەكس ئېتىپ، سۇ قۇشلىرى ئەركىن قانات قاقتى؛ ناراتتا خاسىيەتلىك تۇنجى قار يېغىپ، بۇلۇت-تۇمانلار ئەتراپنى قاپلاپ، خۇددى سىياھ رەسىمگە ئوخشاپ قالغانىدى. ئاقىل يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكا سارىيىدا، «رەقەملىك تېرىقچىلىق»قا مول ھوسۇل مەخپىي شىفىرى يوشۇرغانىدى؛ سانجى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كۈچ توپلاپ تارقىتىلىشقا تەق بولدى، توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلار تېخىمۇ ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى.

   مۇسابىقە مەيدانىدىن تاغ-دالىلارغىچە، ئېتىزلاردىن زاۋۇت ئۆيلىرىگىچە، باش قىشتا شىنجاڭ ھاياتىي كۈچ ۋە جىمجىتلىق ئىچىدە تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك تەسىرلىك مەنزىرىنى نامايان قىلماقتا.

سۈرئەتتە بەسلىشىپ، ئاخىرقى نۇقتىغا ئۆزىنى ئاتماق 

   11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ماھىرى دۈشەنبېك قورمانبېك (سولدىن 1-كىشى) مۇسابىقىدە. شۇ كۈنى، 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋېلىسىپىت (تېز سۈرئەتلىك كىچىك چاقلىق ۋېلىسىپىت) مۇسابىقىسى شېنجېن شەھىرىنىڭ تېز سۈرئەتلىك كىچىك چاقلىق ۋېلىسىپىت مەيدانىدا قىزغىن باشلاندى، شىنجاڭدىن كەلگەن تۆت تەنھەرىكەتچى مۇسابىقە مەيدانىغا قەدەم قويۇپ، شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى.

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

شەپەق نۇرى ئاستىدا سەيلە قىلىش

   11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاق بوغۇز بۆكەن بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ كۆكسېن تېغىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە، بىر-بىرى بىلەن ئويناشماقتا. بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشى بىلەن، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈر توپى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، تارقىلىش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيدى.

ئارداق بېيىسقان فوتوسى

ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسى

   11-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش كۆلى بەيلۇجوۋ مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا. باش قىشتىكى باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلىدىكى بەيلۇجوۋ مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا، توپ-توپ سۇ قۇشلىرى ئوزۇق ئىزدەپ ئوينىشىپ، كۆك ئاسمان، زۇمرەتتەك سۇ بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، باش قىشتىكى جانلىق، گۈزەل ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلدى.

لى ۋېيپىڭ فوتوسى

سىياھ رەسىمدەك قار مەنزىرىسى

   11-ئاينىڭ 17-كۈنى، ناراتتىكى تاغلار ئارىسىدا بۇلۇت-تۇمانلار ئەتراپنى قاپلاپ، يىراقتىكى تاغ بىلەن يېقىندىكى مەنزىرە قاتلام بويىچە ئېنىق ئايرىلىپ، چوڭقۇر مەناغا ئىگە بىر پارچە جۇڭگوچە سىياھ رەسىمنى ھاسىل قىلغانىدى. باش قىش مەزگىلىدە، كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونى كۈز پەسلىدىكى گۈزەللىكىنى يوقاتقان بولسىمۇ، تاغ ئارىسىدا بىر مەيدان خاسىيەتلىك قار يېغىپ، كەڭ جاھاننى كۈمۈش لىباسقا ئورالغان قار-مۇز دۇنياسىغا ئايلاندۇردى.

جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

ئاقىل يېزا ئىگىلىكى

   11-ئاينىڭ 19-كۈنى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدىكى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكا سارىيىدا، خىزمەتچى خادىملار كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلماقتا. ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەت، تەتقىقات-ئۆگىنىش قاتارلىق كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ھېس قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن تەتقىقات-ئۆگىنىش ئەمەلىيەت بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ «رەقەملىك تېرىقچىلىق»نىڭ پەن-تېخنىكىدىكى جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى

   11-ئاينىڭ 19-كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى سانجى خۇايۈ بېسىم ئاشۇرۇپ توپلاشتۇرۇش پونكىتىنىڭ 220 كىلوۋولتلۇق يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى سانجى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى سىم تارتىش مەشغۇلاتى قىلماقتا. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن شامال ئېلېكتىر تۈرىنى ئېلېكتىر تورىغا ئۇلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى يېشىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

جۈ خەيچېڭ فوتوسى

كۆك ئاسماندا يولغا چىقىش 

   11-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. يېقىندا بۇ شىركەت ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان ئارىلاش توقۇلمىلىق يۇمىلاق ياقىلىق ئالدى ئوچۇق كۆڭلەك «2025-يىللىق ئون چوڭ تۈردىكى توقۇمىچىلىق ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى» شەرىپىگە ئېرىشتى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.