تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | 60 يىللىق ئاچا-سىڭىللىق مېھرى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېڭ خۇڭپىڭ

  «جيەنپىڭ، يەنە ئىككى قېتىم ئوينىغاندىن كېيىن، مەن قايتىپ بېرىپ نەۋرەمگە تاماق ئېتىمەن!»

  «بولىدۇ، چۈشتىن كېيىن داۋاملاشتۇرايلى! مەن تاللا بازىرىغا بېرىپ سىزگە ئازراق نەرسە ئالغاچ باراي...»

  11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى توۋگۇڭ مەھەللىسىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە، 65 ياشلىق ماھىنۇر جۈمە 64 ياشلىق خۇ جيەنپىڭنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەملەشكەچ مۇڭداشتى.

يېقىندا، 65 ياشلىق ماھىنۇر جۈمە (ئوڭدا) بىلەن 64 ياشلىق خۇ جيەنپىڭ (سولدا) مەھەللىنىڭ ئۇسسۇل ئۆيىدە يېڭى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئۆگەنمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

  «ئۇ ئەمەلىيەتتە مەندىن تۆت ئايلىق چوڭ، ئىككىمىز بىر يىلنىڭ، ئۇ يىلنىڭ ئاخىرى، مەن يىلنىڭ بېشىدا تۇغۇلغان.» خۇ جيەنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ماھىنۇر ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن تارتىپلا توۋگۇڭ مەھەللىسى 1-تىرانسپورت شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا بىللە چوڭ بولغان، ئىككىمىز يېقىن دوست ھەم ساۋاقداش. مەن توي قىلغاندىن كېيىن ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن ئايرىلدىم، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن يەنە كۆچۈپ كەلدىم، ماھىنۇر ئىزچىل ھويلىدا تۇردى، بىز دائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرىمىز.

  «ئۇ كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بىز يەنە كىچىك ۋاقتىمىزغا قايتقاندەك بولدۇق.» ئۆتكەن ئىشلار تىلغا ئېلىنغاندا، ماھىنۇر بىردىنلا گەپ باشلىدى، ئۇلارنىڭ بىللە چوڭ بولغان دوستلۇقى خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئىدى.

  ماھىنۇرنىڭ ئېرى مەمەت ئابلىز خۇ جيەنپىڭنىڭ ئاچىسى بىلەن ساۋاقداش بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا بىر نەچچەيلەن دائىم بىللە ئوينايتتى. «كىچىك ۋاقتىمدا دائىم ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈگۈرەيتتىم» ماھىنۇر كۈلۈپ تۇرۇپ ئەسلىدى.

  «توي قىلغاندىن كېيىن مەن يىراقراق جايدا تۇردۇم، ئاتا-ئانام نەرسە-كېرەكلەرنى توشۇغاندا، ئىش بېجىرگەندە، مەمەت ئەزەلدىن چاقىرغان ھامان كېلەتتى.» خۇ جيەنپىڭ ئېيتقان «مەمەت» ماھىنۇرنىڭ ئېرى مەمەت ئىدى. مەمەت ياردەم قىلغان ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مىننەتدارلىقى چىقىپ تۇراتتى، «ئۇ خۇددى ئۆز ئاكامغا ئوخشاش، مەن ئېغىز ئاچساملا، ئەزەلدىن رەت قىلمايدۇ».

  «بىزنىڭ مەمەت بىكار تۇرالمايدۇ، چاقىرمىسىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ.» ماھىنۇر قاقاقلاپ كۈلدى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، كىمنىڭ ئۆيىدە نەرسە كۆپ ئەمەس، ئۇيان-بۇيان كۆچكەندە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ، بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى.

  ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن بىللە چوڭ بولغان دوستلۇقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بىر-بىرى بىلەن ئايرىلماس رىشتە بولۇپ باغلانغان بولۇپ، ئاللىقاچان سەن، مەن دەپ ئايرىمايتتى. بۇ دوستلۇق ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن باشلانغان. «كىچىك ۋاقتىمدا مەن تۇنجى قېتىم يېگەن سوغۇق سۇ بېلىقىنى جيەنپىڭنىڭ دادىسى بۇرۇلتوقايدىن ئېلىپ كېلىپ كۆپچىلىككە بۆلۈپ بەرگەن» دېدى ماھىنۇر.

  بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يېقىنلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغىچە داۋاملاشتى. «يازلىق تەتىلدە جيەنپىڭنىڭ قىزى بالىسىنى ئېلىپ شىئەندىن قايتىپ كەلدى، بىز بىللە نەنسەنگە بېرىپ ئوينىدۇق. قىز نەۋرەم ئۇنىڭ نەۋرىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ توختىماي <ئاكا> دەپ يۈگۈردى، ئىككىسى شۇنداق يېقىن!»

  خۇشال پاراڭلىشىۋاتقاندا، مەمەتتىن تېلېفون كەلدى: «لاۋگۇڭ (خۇ جيەنپىڭنىڭ ئېرى) ئۆيگە كېلىپ لەڭمەن يەيدىكەن، ئىككىڭلار ئۇسسۇل ئويناپ بولۇپ دەرھال قايتىپ كېلىڭلار، مەن قوي گۆشى ئەكىلىپ قويدۇم...»

  تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ماھىنۇر خۇ جيەنپىڭغا: «بولدى، سىزمۇ ئۆيگە قايتىپ تاماق ئەتمەڭ، بىزنىڭ ئۆيگە بېرىڭ، كونا قائىدە، سىز لەڭمەن سېلىڭ، مەن سەي قورۇيمەن» دېدى.

  «بۇ ئىككى ھەدىمىز ۋە ھەمراھلىرى مەھەللە خىزمىتىنى ناھايىتى قوللايدۇ.» بىر تەرەپتە تۇرغان توۋگۇڭ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جېڭ جياڭلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 1-تىرانسپورت شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى بولۇپ، جەمئىي 815 ئائىلىلىك بار، 12 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، 60 ياشتىن ئاشقانلار %32.15نى ئىگىلەيدۇ. بۇ بىر جۈپ ئاچا-سىڭىلغا ئوخشايدىغانلار بۇ مەھەللىدە ناھايىتى كۆپ.

  مانا بۇ ئىككى ئاچا-سىڭىلنىڭ تۇرمۇشى ئاددىي، ئەمما مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان. «بىز بىللە چوڭ بولدۇق، قېرىغاندا يەنە بىر-بىرىمىزگە ھەمراھ بولۇپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرىمىز، بەك ياخشى بولدى.» ماھىنۇر شۇنداق دېگەچ خۇ جيەنپىڭنى قولتۇقلاپ ئاستا-ئاستا يىراقلاپ كەتتى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.