11ـ ئاينىڭ 20-كۈنى
سىچۇەنلىك تورداش «سېن سېن» سىن ئېلان قىلىپ
ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن سىچۇەنگە قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا
بىر يولۇچىنىڭ
شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە چوڭ نېنىنى ئېلىپ ئايروپىلانغا چىققانلىقىنى
ئايرۇخانقىزنىڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ناننى يۈك-تاق جازىسىغا ئېلىپ بەرگەنلىكىنى
كۆرۈپ، بۇ كۆرۈنۈشنىڭ تولىمۇ قىزىقارلىق بىلىنگەنلىكىنى ئېيتتى
ئارقىدىن
بۇ ئەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە چوڭ نېنىنى ئېلىپ ئايروپىلانغا ئولتۇرغانلىقى
مىكرو بىلوگقا چىقىپ ئىزدەش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى
ئىنكاس رايونىدا
شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلغان نۇرغۇن تورداش
ئۆزى ئىلگىرى سېتىۋالغان چوڭ نانلارنى كۆرسەتتى
بەزى ساياھەتچىلەر بۇ نانلارنى يۈدۈۋالغانىدى

سىندىكى «ئالاھىدە چوڭ نان»
دەل كۇچا چوڭ نېنى

كۇچا چوڭ نېنى
چوڭلىقى، نېپىزلىكى، چۈرۈكلىكى بىلەن داڭلىق بولۇپ
«نان شاھى» دەپ ئاتالغان
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر تولىمۇ ياقتۇرىدۇ
ماتېرىيال سۈرەت. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ بىڭچيەن فوتوسى
كونىلاردا «ئۈچ كۈن گۆش بولمىسا بولىدۇ، بىر كۈن نان بولمىسا بولمايدۇ» دېگەن گەپ بار.
بۇنىڭدىن ناننىڭ شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ
تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا
ناننىڭ تۈرى 300 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ
ناننى تاتلىق، تۇزلۇق، ئاچچىق قىلىپ يېقىشقا بولىدۇ
يەنە گۆشلۈك ۋە گۆشسىز نان
كۈنجۈت نان، پىياز نان، ياڭاق نان
ئەتىرگۈل نان، بادام نان ، لازا نان، گۆش نان دەپ ئايرىشقا بولىدۇ
ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم تەملىك
راسلىنىشى نەپىس، مەززىلىك، چۈرۈك، يېيىشلىك
ناننىڭ ھەر خىل يېيىش ئۇسۇلى بولۇپ
يازدا تاۋۇز بىلەن، قىشتا ئەتكەن چاي بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئاددىيلا يېگىلى بولىدۇ
كاۋاپ، سۇدا پىشۇرۇلغان قوي گۆشى، داپەنجى بىلەن قوشۇپ يېگەندە
تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






