ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
يېقىندا
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىگە جايلاشقان
بىڭتۇەن 3-شى 51-تۇەن تاڭيى بازىرى 13-ليەندە
شەكلى تۇرۇپقا ئوخشايدىغان «ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشتىكى ئېسىل مېۋە» دەپ تەرىپلەنگەن چامغۇردىن مول ھوسۇل ئېلىندى
بالدۇر يىغىۋېلىنىدىغان قوناق بىلەن بۇغداي پىشقاندىن كېيىن، 13-ليەن شۇ جاينىڭ كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، كېچە-كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇشتىن ئىبارەت تەبىئىي ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، 7-ئايدا چامغۇر، قوناق، ئاققوناق، تېرىق قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئېڭىزغا تېرىدى ھەمدە تۇنجى قېتىم چامغۇرنى كەڭ كۆلەمدە سىناق تەرىقىسىدە تېرىدى.

نۆۋەتتە، 13-ليەننىڭ چامغۇردىن ئالغان مو بېشى ھوسۇلى تەخمىنەن ئىككى توننا بولۇپ، ئومۇمىي ھوسۇلنى 80 توننىغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەندى، ھەر كىلوگىرام چامغۇرنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بىر يۈەن بولدى. كىچىككىنە چامغۇر بۈگۈنكى كۈندە 13-ليەندە ئىسمى-جىسمىغا لايىق «بېيىش مېۋىسى»گە ئايلىنىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يېپيېڭى يول ئاچتى.


ماتېرىيال مەنبەسى: 51-تۇەن تاڭيى بازارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە-ساياھەت مەركىزىدىن ۋېي بورېن، نۇربىيە مەمەت
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






