□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
شىنجاڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىشىپ سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان پەيتتە، 2025 - يىللىق شىنجاڭ سودىگەرلەر يىغىنى ئېچىلدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى شىنجاڭ سودىگەرلەر ۋەكىللىرى، ئالاقىدار ساھەلەردىكى داڭلىق زاتلار ۋە ھەر ساھەدىكى ئەزىز مېھمانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پىلانلىدى.
بۇ كاتتا يىغىن ھەم شىنجاڭ سودىگەرلەر كۈچىنىڭ توپلىنىشى، ھەم شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغان ھەمكارلىق ۋاسىتىسى بولۇپ، مۇقەررەر كەڭ شىنجاڭ سودىگەرلىرىنىڭ كارخانا تەرەققىياتىنى دۆلەت ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش غەيرىتى ۋە قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتىدۇ.
ئىدىيە بايرىقى يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇلۇغۋار پىلان يېڭى مۇساپىنى باشلىدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كەڭ شىنجاڭ سودىگەرلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىگە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەرقايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىشىگە، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كەڭ سەھنىسىدە داۋاملىق گۈزەل سەھىپە پۈتۈشىگە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ مەنزىرىسىنى ئورتاق يارىتىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق.
«شىنجاڭ سودىگەرلىرى»نىڭ «شىنجاڭ» خاسلىقى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ئومۇمىيىتىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتەك دۆلەت مۇھەببىتىگە سىڭىشىشتە ئەكس ئېتىدۇ، خاسلىقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تومۇرىغا چىڭ ئەگىشىشتىكى يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھىدا ئەكس ئېتىدۇ، خاسلىقى مەۋقەنى بايلىق ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇشتىكى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشتا ئەكس ئېتىدۇ. كەڭ شىنجاڭ سودىگەرلىرى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سېلىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، بازار ئېچىش داۋامىدا دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، تەرەققىيات تىپىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشقا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.
يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەر گىرەلىشىپ، دەستىلىنىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى سىجىل جانلاندۇرۇلۇپ، ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى كۈچەيتىلىپ، تەرەققىيات مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كەڭ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ئېلىپ كېلىندى، كەڭ بوشلۇق يارىتىلدى. دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، جەمئىيەتكە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرغاندا، كەڭ شىنجاڭ سودىگەرلىرى چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.
شىنجاڭ سودىگەرلىرىگە غەمخورلۇق قىلىش، شىنجاڭ سودىگەرلىرىنى قوللاش، شىنجاڭ سودىگەرلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭ سودىگەرلىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى. يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، ساغلام، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇنىڭدىكى مەقسەت «تېخىمۇ زور سالماق بىلەن پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى خاتىرجەم تىجارەت قىلىش، خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش»تىن ئىبارەت. بىز ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى يىغىنى، 2025 - يىللىق شىنجاڭ سودىگەرلەر يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى ساغلام» بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ بازار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كەڭ شىنجاڭ سودىگەرلىرىنى شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك.






