□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ سىجىل، ساغلام، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
پۇقراۋى ئىگىلىك جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك» مۇھىم ھۆكۈمى ۋە «ئىككى ساغلام» بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپە تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئېلان قىلىپ، دۆلىتىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ كۆلىمى ۋە ئەمەلىي كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە يۈكسىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۇقراۋى ئىگىلىكنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ سىجىل كۈچىيىشى، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىدا پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش، «ئىككى ساغلام» بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر فاڭجېن - سىياسەتلەرنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى خاتىرجەم تىجارەت قىلىش، خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار بىزنىڭ ئۆز ئادىمىمىز. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەت - تەدبىرلىرىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇشى كېرەك. قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئادىل بازار مۇھىتى يارىتىشى كېرەك؛ كەڭ سۇپا ھازىرلاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىشىنى قوللىشى كېرەك؛ ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا دائىر سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشى كېرەك؛ پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىپ، «يېقىن» ئۆتۈش ئەمما چېكى بولۇش، «پاك» ھەم قابىلىيەتلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ھازىر شىنجاڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالماقتا، شۇنداقلا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرمەكتە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىنى زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى؛ شىنجاڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى؛ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى؛ پۇقراۋى ئىگىلىككە تەرەققىيات ئىشەنچى قوشۇلدى.
كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نەزەر سالساق، دەۋر بىلەن پۇرسەت كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى قەلبكە پۈكۈش، بىر مەقسەتتە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەتكە ماھىر بولۇش، ئالدىن بېيىغانلار ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا چاقىرماقتا.






