تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش كېرەك

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى داغدۇغىلىق تەقدىرلەندى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇلدى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىشقا تايىنىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈشكە تايىنىدۇ. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئۆلچەم ۋە تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، «قانچىكى ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ» دېگەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك تۈرلەرنى پىلانلىدى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى، رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى مۇقىم ئۆستى، پەن - تېخنىكا ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، نۇقتىلىق يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدە بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش چوڭقۇرلاشتى، پۇختا ئەمەلىيلەشتى، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى، بۇ، بىزنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. بىز مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يەنە يېڭى پەللىگە ئۆرلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۇل خاراكتېرلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، چېگرانىڭ تىنچلىقى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا بويىچە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، پارتىيەنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش كۈچىنى كۈچلۈك سەپلەپ، مالىيە سېلىنمىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىدىغان، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

پەن - تېخنىكا تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.