تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭنىڭ ياخشى مەھسۇلاتى | قىشتىكى تۇنجى شېرىن تەم بىر تال «بىڭتاڭشىن»دىن باشلىنىدۇ

باشقا ئالمىلار تېخى تاتلىقلىق دەرىجىسى بويىچە بەسلىشىۋاتقاندا

ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى ئۈن - تىنسىز ھالدا ئۆزىگە خاس «تاتلىق ئىچكى يادروسى»نى تەييار قىلىپ بولدى

مېۋە ئۇرۇقچىسى ئەتراپى سۈزۈك مۇز كىرىستالدەك بىڭتاڭشىن

ئالما ساھەسىدىكى «ئەڭ نادىر ئەسەر» دەپ ئاتالدى

بۇ ئالما ئۆزىنى قانداق «كۆز-كۆز» قىلىشنى بىلىدۇ

شىمالىي كەڭلىك °41لۇق ئالتۇندەك مېۋە بەلبېغىدا ئۆسىدىغان

ئاقسۇ ئالمىسى ئالىي دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمەن بولماقتا

يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن +2855 سائەت «ئاپتاپسىنىدۇ»

كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى «تەبىئىي قەنت قويۇقلاشتۇرغۇچ»تىن قېلىشمايدۇ

كۈندۈزدىكى فوتوسىنتېز رولى شىددەت بىلەن قەنت توپلايدۇ

كېچىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا بۇ قەنتلەرنى مېۋە ئۇرۇقچىسى ئەتراپىغا «ماكانلاشتۇرىدۇ»

ئەڭ ئاخىرى ئۇيۇشۇپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىڭتاڭشىننى شەكىللەندۈرىدۇ

 بۇ ھەرگىزمۇ قايسى بىر سورتنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى بولماستىن

بەلكى تەبىئەت تارقاتقان «ئەلا سۈپەتلىك ئېتىراپ ئوردېنى»

پەقەت قىروۋ چۈشۈكىنى باشتىن كەچۈرگەن، مۇكەممەل پىشقان ئالما

ئاندىن بۇ شېرىن «كىملىك»گە ئىگە بولالايدۇ

بىر چىشلىسىڭىز، ئۇنىڭ شېرىن تەمى تۇنجى مۇھەببەتتىن ئېشىپ چۈشىدۇ!

قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى كىشىنىڭ ئىنتايىن زوقىنى كەلتۈرىدۇ. سۈرەتنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئالما جەمئىيىتى تەمىنلىگەن 

«چاراس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ

نېپىز، چۈرۈك مېۋە پوستى يېرىلىپ

يۇمران مېۋە ئېتىدىن كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە شىرنە سىرغىپ چىقىدۇ

ئېغىزغا كىرىشى بىلەنلا ئېرىيدۇ، ھەسەلدەك تاتلىق

لېكىن  گالنى ئازراقمۇ غىدىقلىمايدۇ

ئۇنىڭ تاتلىقلىقى

بىر خىل مول قاتلام تۇيغۇسىگە ئىگە «ئالىي دەرىجىلىك تاتلىق» بولۇپ

18 گىرادۇستىن يۇقىرى تاتلىقلىق دەرىجىسىگە تولۇق چۈشىدۇ

يەنە سۇس ھەسەل پۇرىقى ۋە بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدىكى چۈچۈمەل تەمگە ئىگە بولۇپ

 تۇنجى چىشلىگەندىن يەپ بولغۇچە 

تاتلىقلىق دەرىجىسى باشتىن - ئاخىر  تۈگىمەيدۇ

 چۈنكى بۇ ئالما

ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق ئاپتاپسىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ

تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قىروۋ ئۈششۈكىگە بەرداشلىق بېرىپ

«مۈشكۈلات ئىچىدە تاۋلىنىپ»

«مېۋىلەرنىڭ سەركىسى»گە ئايلانغان

نېمە ئۈچۈن ئۇ سىزنىڭ «ساراڭلارچە call قىلىش»ىڭىزغا ئەرزىيدۇ؟

قولغا ئېلىپلا چىشلەپ يېيىش بىڭتاڭشىن ئالمىسىنى يېيىشتىكى ئەڭ «ئىپتىدائىي» ئۇسۇل

ئۇنىڭ ئىجادىي يېيىش ئۇسۇلى كۆپلىكىدىن تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ

دوستۇم، قەھۋە ئىچەمسىز؟

ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى بار قەھۋەدىن!

 زەنجىرسىمان داڭلىق قەھۋە ماركىسى يېڭى مەھسۇلات «ئاقسۇ ئالما ناتيېسى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى 

تورغا چىقىرىلىشى بىلەنلا، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى

ھەتتا بىر ۋېيبو ئىگىسى مەخسۇس باھالاش سىنى ئېلان قىلىپ، زور كۈچ بىلەن تەۋسىيە قىلدى

يەنە قىزىق ئالما دارچىن چېيى، چۈچۈمەل ئىچىشلىك ئالما سىركىسى

 ھۇزۇرلۇق ئالما ھارىقى، قويۇق ئالما قېتىقى

بىڭتاڭشىن ئالمىسىدىن ئىچىملىك ساھەسىدە يېڭى مەھسۇلاتلار مەيدانغا كەلدى 

بازار تاپقان، توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان ئاقسۇ ئالما قېقىنى يەپ باققانمىدىڭىز؟

تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ۋاكۇئۇملۇق توڭلىتىپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسى ئالما پارچىسىنىڭ تەمىنى ساقلاپ

18 گىرادۇسلۇق تەبىئىي تاتلىقلىق دەرىجىسىنى ساقلاپ قالدى

چۈرۈك، ساغلام ھەم ئىشتىھانى ئاچىدۇ

ئالما لازىجى بىلەن ئۇچراشقاندا 

ئالمىنىڭ تاتلىقلىقى لازىنىڭ ئاچچىقىنى نېيتراللاشتۇرىدۇ

يېيىشلىك ھەم خۇماردىن چىقىسىز

 ...

بۇ قىشتا

ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى سىزگە بىر شېرىنلىك ئېلىپ كېلىدۇ

چىشلىگەن شۇ دەقىقىدە، سىز شۇنى چۈشىنىسىزكى

بەزى كۈتۈشلەر، چوقۇم ئەرزىيدۇ

بەزى شېرىن تەمنىڭ ئورنىنى ھېچنىمە باسالمايدۇ

نازارەتچى: دىڭ تاۋ

پىلانلىغۇچى: لو لىڭ

رەتلىگۈچى: جاڭ شاڭخۇا

ماتېرىيال مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ياخشى جاي، ئاقسۇ نۆل ئارىلىق

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.