− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا
□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا: «پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى» دەپ تەكىتلەندى ھەم پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قانداق كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكتە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭمۇ جەزمەن بىر ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئېكولوگىيە - مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتكە، ئۆزىنى چەتكە ئالغىلى، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرگە دۇچ كېلىمىز. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، ئېغىر بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ۋە پۈتكۈل جەريانىدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىمىز، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىشىمىز، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.
بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭ دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپتا باش ئورۇنغا قويۇلدى. بۇ تەلەپنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلىنىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىش مۇقەررەر ھالدا بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەشتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش خىزمەت ئىستىلىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.
جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ، سەپەرگە ئاتلىنىشقا ئۈندىمەكتە، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ؛ يەلكەن چىقىرىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن - ئاخىر بارلىق ئىشلىرىمىزنى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسقا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.






