تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بىرتۇتاش ئويلىشىپ، مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتنى ئىلمىي پىلانلايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر خىل مۇھىم ئۇسۇلى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جاسارەت بىلەن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى.

«15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. «15 - بەش يىل»دىكى تەرەققىياتنى ئىلمىي پىلانلاشتا، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاچقۇچلۇق، ھەل قىلغۇچ ئامىلنى چىڭ تۇتۇپ، رىتىم ۋە سۈرئەتنى ياخشى ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، بوغما ھالەت ۋە توسۇق نۇقتىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىپ پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، تەرەققىيات سۈپىتى، قۇرۇلمىسى، كۆلىمى، سۈرئىتى، ئۈنۈمى، بىخەتەرلىكىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە، دىققەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

نىشان يۆنىلىش، نىشان يېتەكچى، نىشان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئومۇمىي يىغىندا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش. بۇ، مەركەزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە لايىقلاشقان، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشقان نىشان - ۋەزىپە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك يېتەكچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، جەزمەن قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بەل قويۇۋەتمەيدىغان، ۋەزىيەتكە تايىنىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بىرىكمە كۈچ توپلايدۇ.

«قۇرۇلۇش خەرىتىسى»نى «ئەمەلىي مەنزىرە خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرۇشتا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت «بىرىكمە تەدبىر»لىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا يارىتىشنى چۆرىدەپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن قوش ئايلىنىشقا مۇلازىمەت قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش؛ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بىلەن رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش؛ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلىنىش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش؛ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش؛ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش؛ بىڭتۇەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش. بۇ 13 تۈرلۈك زور تەدبىر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىۋاتقان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، ئۆز تەرەققىياتىمىزدىكى ئېنىقلىق ئارقىلىق ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدىكى ئېنىقسىزلىققا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدىغان ئىجادىي تەدبىر ۋە ئىلگىرىلەش يولى بولۇپ، مۇھىم نۇقتا بىلەن ئومۇمىيلىققا، ھازىر بىلەن كەلگۈسىگە، قىسمەنلىك بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە تەڭ ئېتىبار بېرىشتەك دىيالېكتىكا سىڭگەن، بۇ، بىزنى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى توپلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سالىدۇ.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي تىرىشىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھېس قىلالايدىغان، ئىشقا ئاشۇرالايدىغان گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.