− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھى شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنى «14 - بەش يىل»دا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «15 - بەش يىل»نى پىلانلاشقا يېتەكلىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا
2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، ۋاقىتنىڭ قەدىمى ناھايىتى تېزلا يەنە بىر بەش يىلنى بېسىپ ئۆتتى، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى پات ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدۇ.
«14 - بەش يىل»دا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، «15 - بەش يىل»نى پىلانلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆتكەن بەش يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كەلگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا يول خەرىتىسى بېكىتىلىپ، ۋەزىپىنامە تۈزۈلۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقىلىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇلدى، نەتىجە ھاسىل قىلىندى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا داۋاملىق كۈرەش قىلىش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، كەڭ كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.
«14 - بەش يىل»دا بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە ھەسەن - ھۈسەننى كۆرۈش
11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى كېرىيە ناھىيەسىدە سوغۇق بارغانسېرى كۈچەيدى، ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش رايونىدا قىش پەسىللىك تولۇقلاپ تىكىش خىزمىتى نەق مەيدانىدا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، كىشىلەر تۆت پەسىللىك قىزىلگۈل مايسىلىرىنى قۇملۇققا تىكتى.
بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇمنى توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغى بۇ جايدا تۇتاشتۇرۇلدى. دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ يېشىللىق مۆجىزىسى، دەل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدۇر.
«14 - بەش يىل»دا، شىنجاڭ قانداق جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى؟ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئېكولوگىيە - مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى.
بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەتىجە قەغىزى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل»دىن ئىبارەت بۇ بەش يىلدا، شىنجاڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، لېكىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ ئۈنۈمى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، بۇنى «بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە ھەسەن - ھۈسەننى كۆرۈش» دېيىشكە بولىدۇ.
«شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى.» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رىزۋانگۈل ساۋۇت مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، بىزنىڭ ھازىر بازىمىز، خىراجىتىمىز، قوشۇنىمىز بار، كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى، ئاھالىلەر بىزنىڭ ئىش بېجىرىشىمىزنىڭ تېخىمۇ كەسىپلەشكەنلىكىنى ماختىشىدۇ».
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ نەتىجە قەغىزىنىڭ سۈپىتى ياخشى، سالمىقى يېتەرلىك بولدى. شايار ناھىيەسى شايار بازىرى جىنيەنخې مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئالىم راخمان مۇنداق دېدى: «ئولتۇراق رايونلاردا يوللار تۈزلەندى، يول چىراغلىرى يورۇدى، كىچىك مەيدانلارمۇ ياسالدى، ھەر مىللەت قوشنىلار چىقىشىپ ئۆتىمىز، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى».
پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، بىر جايغا شەرەپ كەلتۈرۈپ ئومۇملۇققا ھۆسن قوشۇش
11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شيالوبا يېزىسىدىكى باقمىچى ئائىلىسى يېركىن مۇساينىڭ ئۆيىدە يەم - خەشەك ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىپ، ناھايىتى تېزلا نىسبىتى دەل جايىدا بولغان بىر تۈركۈم يەم - خەشەكنى پىششىقلىدى. ئوت - چۆپ توشۇش، ئوت - چۆپ توغراش، ئارىلاشتۇرۇشتىن يەم بېرىش، قوتاننى تازىلاشقىچە... يېركىن ئائىلىسىنىڭ باقمىچىلىقىدا پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشقان مەشغۇلات ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، باركۆل دىققەتنى چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسى ۋە ماركا قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ كۆلەملىشىش، ئۆلچەملىشىش، كەسىپلىشىشكە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى.
«ئىلگىرى تەجرىبىگە تايىناتتۇق، ھازىر تېخنىكا يېتەكچىلىكى بار، بىر كۈندە 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق تۆگە سۈتى ئىشلەپچىقىرالايمىز، بىر كىلوگىرام تۆگە سۈتىنى 23 يۈەنگە ساتىمىز.» بەھۇزۇر يەم يەۋاتقان تۆگىلەرگە قاراپ، يېركىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدى، «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، بارغانسېرى باياشات ئۆتۈۋاتىمىز».
كۆل سۈيى نېمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك؟ چۈنكى مەڭگۈ قۇرۇماس بۇلاقتىن ئۈزۈلمەي سۇ ئېقىپ كىرىدۇ. شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما شۇنى چوڭقۇر بىلدىكى، شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەربىر نەتىجە، يۈزبەرگەن ھەربىر ئۆزگىرىش نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولغان، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىدىن بولغان.
«15 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، زور سىياسىتى تىرەك بولىدىغان پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان يۈكسىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى خىزمەتلىرىنى پىلانلىغاندا، جەزمەن دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، ھەم بىر جايغا شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم ئومۇملۇققا ھۆسن قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل»دا سېلىنغان پۇختا ئاساس بولغاچقا، «15 - بەش يىل»دىن ئىبارەت بۇ بۆلەك يولنى ياخشى مېڭىشقا ئىشەنچىمىز كامىل.
«ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا <15 - بەش يىل>لىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى، شۇنداقلا بىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ نازىرى سۇڭ ياجۈن مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجادىي، ئېچىۋېتىلگەن شەھەر تەرەققىياتى يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان ئازادە، سۈپەتلىك تۇرمۇش يېڭى مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىمىز.
«15 - بەش يىل»دا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ غەيرەت - شىجائەتنى ئۇرغۇتۇش
ئۇزاق مۇساپىدە غەيرەت - شىجائەت ئۇرغۇماقتا، ئېغىر مەسئۇلىيەت يەنە ئاتلىنىشقا ئۈندىمەكتە. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش.
ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، كەڭ كادىرلار، ئامما «راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» خىزمەت ئىستىلى بىلەن، «14 - بەش يىل»دا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «15 - بەش يىل»نى پىلانلاشقا كۈچ قوشتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش جاۋ ياڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
«ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى يەنىمۇ دەل جايىدا تېپىپ، <تۆت چوڭ تەپتىش خىزمىتى> فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ، تولۇق ئادا قىلىپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى بېجىرىپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالىدۇ» دېدى جاۋ ياڭ.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇ جىن مۇنداق دېدى: «بىز <پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش> ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى كۈچلۈك بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».
«ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ جېڭۋېيسى شيۇڭ جىيۈ مۇنداق بىلدۈردى: كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە سىياسەت تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت دەرۋازىسى چېگراسىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.
شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رېن گۇاڭپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قاتتىق تۈزىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىمىز.
ئۈمىد ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن بۇ قىش پەسلىدە، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقماقتا.






