− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا
□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
« 14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئېكولوگىيە - مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، بۇ، «15 - بەش يىل»نىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلاشنىڭ ئاچقۇچى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا.
ھازىر شىنجاڭ مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنىنى گەۋدىلەندۈردى، تەبرىكلەش پائالىيىتىدە شىنجاڭدىكى تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىندى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى بېكىتىپ بەردى، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىككە ئايلاندى، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈن بولۇپ قالدى؛ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا مۇھىم پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ بۈگۈنكىدەك بۇنداق كەڭ ماختىشىغا ۋە دىققەت - ئېتىبارىغا سازاۋەر بولۇپ باقمىغان، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىشەنچى ۋە قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى مىسلىسىز بولدى، تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە مۇھىتىنىڭ ياخشىلىقى مىسلىسىز بولدى.
ھازىر شىنجاڭ ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئىگە. تۇپرىقى كەڭ، بايلىقى مول، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ تەننەرخ ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك؛ «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش»، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش قولاي بولۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى پىلانلاشتا ھەم ئىستراتېگىيەلىك قاتلامدىن ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت، ھۆججەتلەرنى مەخسۇس ئېلان قىلدى، شىنجاڭنىڭ سىياسەت ئەۋزەللىكى روشەن بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يۆنىلىش ۋە مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
«15 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، زور سىياسىتى تىرەك بولىدىغان پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان يۈكسىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاشتا، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»دىن ئىبارەت بۇ «تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى ئارقىلىق ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت ياراتساقلا، بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.






