□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك
«بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، بىز ياشلار B گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، يۇرتىمىز ئۈچۈن شان - شەرەپ كەلتۈردۇق، ناھايىتى خۇشال بولدۇق!» دېدى، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى يەھيا ئابلا.
11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، «جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەجدىھا كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، شىرلار ئۇسسۇلغا چۈشۈش . گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» باش تېما قىلىنغان 2025 - يىللىق قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 - نۆۋەتلىك ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى پەيزاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر ھەم بىڭتۈەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرىدىن كەلگەن 70تىن ئارتۇق كوماندا، 300دىن ئارتۇق ماھىر ئوخشاش بىر سەھنىدە مۇسابىقىلەشتى. ئاخىرىدا، پەيزاۋات ناھىيەلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شىڭشى كوماندىسى ياشلار B گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپيونلۇققا ئېرىشتى.
ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ھەرىكىتى، دۆلىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر خەلق ئىچى ئەنئەنىۋى سەنئىتى بولۇپ، ئۇسسۇل، مۇزىكا، چامباشچىلىق قاتارلىق ئېلېمېنتلار يۇغۇرۇلغان. ئومۇمەن بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بولسىلا، چوقۇم شىر ئۇسسۇلى ئارقىلىق كەيپىيات كۆتۈرۈلىدۇ. 2018 - يىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ۋاسىتىچى بولۇشى بىلەن، ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدا گۈللەنگەن بۇ مەدەنىيەت گۆھىرى قەشقەرگە كېلىپ، پەيزاۋات ناھىيەسىدىلا 100دىن ئارتۇق ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ئەترىتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
ئۈچ يىل ئىلگىرى، يەھيا تۇنجى قېتىم مەكتەپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ئويۇنىنى كۆرگەن بولۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە ئۇنى چوڭقۇر جەلپ قىلىۋالغانىدى.
«مېنىڭ شىر بېشى بولغۇم بار». يەھيا مەكتەپتىكى ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ھەرىكىتىگە مەسئۇل تىرېنېر ۋاڭ جيېنى ئىزدەپ، ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ئەترىتىگە قاتنىشىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈردى. «نۇرغۇن ساۋاقداشلار ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ئەترىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، بىز قاتتىق تاللايمىز جۇمۇ» دېدى ۋاڭ جيې يەھياغا. ئەڭ ئاخىرىدا، يەھيا مەكتەپ شىڭشى ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى، ئەترەتتە يەنە جاڭ چالىدىغان قىز قەدىرىيە قۇربان، كىچىك جاڭ چالىدىغان ئوغۇل بالا لو جياچېڭ قاتارلىقلار بار.
«بۇلتۇر، يەھيا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولسىمۇ لېكىن سەۋەنلىك تۈپەيلى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى، بۇ قېتىم ئۇمۇ ئارزۇسىغا يەتكەن بولدى». ۋاڭ جيې مۇنداق دېدى: مەكتەپ شىڭشى ئەترىتىدە 40 نەچچە ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەرىكەتنى ناھايىتى قىزغىن سۆيىدۇ.
پەيزاۋات ناھىيەسى شاپتۇل بازىرى توشقانلا كەنتىدىكى ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ئويۇن قويۇش ئەترىتى 2021 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىگە كۆپ قېتىم قاتناشتى. «ئەترىتىمىزدە دەسلەپتە پەقەت ئونلا ئەزا، بىر ئەجدىھا بار ئىدى، ھازىر 32 ئەزا، ئۈچ ئەجدىھا، 25 شىر بار، ئويۇن قويۇش ماھارىتى ۋە شەكلىدىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىۋاتىمىز» دېدى بۇ كەنتتىكى ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى پاتىگۈل ئابلىمىت.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، كۆپ قېتىم كەسپىي شىر ئۇسسۇلى تىرېنېرلىرىنى تاللاپ قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى. 2024 - يىلى، پەيزاۋات ناھىيەسى ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش - تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 12 ناھىيە، شەھەر ھەم بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرىدىن كەلگەن شىر ئۇسسۇلى تىرېنېرلار قوشۇنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرىنىڭ ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى تىرېنېرلار ئۆمىكىدىن جەنۇب شىر ئۇسسۇلىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكىتى، ماھارىتى قاتارلىقلارنى ئۆگەندى.
بۇ يىل، فوشەن شەھىرى نەنخەي خۇاڭ فېيخۇڭ جۇڭليەن كابېلى چامباشچىلىق، ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى جەمئىيىتىنىڭ تىرېنېرى يەنە بىر قېتىم پەيزاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. «ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى گۇاڭدۇڭ - قەشقەر ئىككى جاينىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلمەكتە، تەربىيەلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلار ناھايىتى كۆپ، قىزغىنلىقىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى» دېدى بۇ جەمئىيەتنىڭ تىرېنېرى خۇاڭ جېنجياڭ.
تەكلىپ قىلىشتىن سىرت، گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە يەنە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا چىقىپ، گۇاڭجوۋ شەھىرى، فوشەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ھەرىكىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىشقا تەشكىللىدى. «فوشەندىكى شىر ئويناتقۇچىلارنىڭ ماھارىتى ئالاھىدە يۇقىرى، يېقىندىن ماسلىشىدىغان بولۇپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئورۇندىيالايدىكەن.» 2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى فوشەن شەھىرىگە بېرىپ شىر ئۇسسۇلىنىڭ جۇشقۇنلۇقىدىن بەھرىلەندى، بۇ، ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشقان پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئوقۇغۇچى ئامىنە توختىنىڭ ھازىرغىچە ئېسىدىن چىقمايدۇ.
«گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە سىجىل كۈچەپ، گۇاڭدۇڭ - شىنجاڭ ئىككى جاي مەدەنىيەت - تەنتەربىيە مۇسابىقە ئىشلىرىدا ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، گۈزەللىك ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق گۈزەل قەلب يېتىلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>نىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ» دېدى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى لىن شىجياڭ.






