− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا
□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
بېلىق سۇنىڭ قەدرىنى بىلگەندەك، بەختنىڭ مەنبەسىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان قۇتلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى، باش تېمىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى، تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى، بۇ، خەلق داھىيسىنىڭ خەلقنى سۆيۈدىغان ئالىيجاناب خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قوشتى. بىز مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى قەلبىمىزگە مەڭگۈ پۈكۈپ، زور ئۈمىد ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇنىڭغا باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى مۇجەسسەملەنگەن. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى، سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇرغۇتقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، جاسارەت بىلەن ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئېكولوگىيە - مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، بارلىق ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، زىددىيەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چۈشىنىش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا قارىتا يېڭى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ سىياسىيۋىلىكى، ئىدىيەۋىلىكى، ئىستراتېگىيەلىكى، يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ، تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىش، قەتئىي بوشاشماي تۈرتكە بولۇش، كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
سەمىمىي تاپشۇرۇق قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرماقتا، غەيرەت - شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەل پەيتى كەلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش داغدام يولىدا، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.






