تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈلدى، بۇ، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئاساسىي نىشانى ۋە مۇھىم تەدبىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋە 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە كەلگۈسى بەش يىللىق، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. بىز پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئۆلچەم - تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسىنى دەل جايىدا تېپىش كېرەك. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تارىخىي ۋەزىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقىغا قويۇپ قاراش ۋە پىلانلاش كېرەك. دۆلىتىمىز تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىدىغان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، ئۆز تەرەققىياتىمىزدىكى ئېنىقلىق ئارقىلىق ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدىكى ئېنىقسىزلىققا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، مەركەزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە لايىقلاشقان، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشقان تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك.

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئورتاق بېيىشتا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ كۆلەمدە قاتناشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە يولىنى دەل جايىدا تېپىشىمىز كېرەك. نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشى بىرلىككە كەلگەن خىزمەت ئۇسۇلىنى ماھىرلىق بىلەن قوللىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى «ئاچقۇچلۇق تەدبىر»دىن ئاڭلىق ياخشى پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

ئىدىيە يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇرچ كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.