11-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ دول بازىرىغا جايلاشقان شىنجاڭ كوئېنلۇن شىگې ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تۇخۇمدىن چىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە كەپتەر تۇخۇملىرىنى تەكشۈرۈپ، لاياقەتلىك كەپتەر تۇخۇملىرىنى تۇخۇمدىن چىقىرىش ئامبىرىغا دەل جايىدا يەتكۈزۈۋاتاتتى. بۇ شىركەت يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىسى، نۆۋەتتە نەسىللىك كەپتەرنىڭ بېقىلىش مىقدارى 295 مىڭ جۈپ بولۇپ، يىلىغا 200 مىڭ جۈپتىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك نەسىللىك كەپتەر، 5 مىليوندىن ئارتۇق مول سېلىنلىق باچكا ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ تولۇق ئاپتوماتلاشقان سويۇش، كەپتەر شورپىسى، پىششىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھەم دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى باچكىنى توڭلىتىپ قۇرۇتۇش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئالتە چوڭ تۈردىكى مول سېلىنلىق كەپتەر مەھسۇلاتى ھەم خوتەننىڭ خاس يۈرۈشلۈك يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت «باشلامچى كارخانا+پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، بەش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، 4000دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنى نەپكە ئېرىشتۈردى، ھەربىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن 4000 يۈەن ئاشتى ھەم 400دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.




(ئاپتورلار: مەمەتئېلى ئەنۋەر، مەمەتسەيىدى مەمتىمىن ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)






