
شىنجاڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەزەلدىن «جۇڭغاردىكى نۇرلۇق مەرۋايىت» دېگەن گۈزەل نامى بار، سۇ دائىرىسىنىڭ كۆلىمى 1035 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى. باغچىدا چوڭ كۆلەمدىكى تەبىئىي سۇلۇق يەر ھەم ئەتراپ چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسى بار بولۇپ، رايون ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم تىرەك، شۇنداقلا قۇشلار ياشايدىغان، كۆپىيىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي. ئارداق بېيىسقان فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)

«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






