تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

【سۈرەتتىكى شىنجاڭ】 قاراماي ماي كۆلى: زۇمرەتتەك كۆل سۈيى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمدى

   11-ئايدا، شىنجاڭ قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونى شوگەي يېزىسىغا جايلاشقان ماي كۆلى جىمجىت گۈزەل مەنزىرىگە تولغانىدى، قىرغاقتىكى قومۇش ۋە يۇلغۇنلار يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، كۆل يۈزى قۇياش نۇرىدا جىمىرلاپ، سۈزۈك ئاسماننى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.

   ماي كۆلى ئىلگىرى ماناس دەرياسى ۋادىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن بىر مەھەل تارىيىپ كەتكەنىدى. 2017-يىلىدىن باشلاپ، قاراماي شەھىرى ئۇنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇردى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردىكى قومۇشلۇق سۇلۇق يېرى، دەريا يولى سۇ سىستېمىسى تۇتىشىپ، تەخمىنەن 30 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان سۇ رايونىنى شەكىللەندۈردى، كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقان مۇھىت نۇرغۇن قۇشنى بۇ يەردە ماكانلىشىپ كۆپىيىشكە جەلپ قىلدى.

(ئاپتورلار: سۈي ۋېنجۈەن، مىن يۇڭ  ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: قاراماي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.