تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى

□شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاننى پىلانلاش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى قارارى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە كەلگۈسى بەش يىللىق ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا ئۆلچەم - تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى، مەقسىتى ۋە ئىگىلەشكە تېگىشلىك خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان قۇتلۇق پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى يولداش شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى، باش تېمىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى، تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى، بۇ، خەلق داھىيسىنىڭ خەلقنى سۆيۈشتەك ئالىيجاناب خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا قۇدرەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشتى. بىز مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى قەلبىمىزگە مەڭگۈ پۈكۈپ، زور ئۈمىد، مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى تېز سۈرئەتتە 2 تىرىليون يۈەنلىك يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، تەكلىماكان قۇملۇقىغا «يېشىل شارپا» ئارتىلدى... «14 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش نەتىجىلىرى مول بولدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۇل ئەسلىھەلەر كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى، كېڭەيتىلدى، ئېكولوگىيە - مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىش بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، بىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز يەنىمۇ چىڭىدى.

«15 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، زور سىياسىتى تىرەك بولىدىغان پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان يۈكسىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «15 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، ئاساسلىق نىشانى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تۈپ كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشتا پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ يۈكسەك ئىرادە تىكلىدۇق، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىنى باشلىدۇق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.