
يېقىندا، تۇدۇڭخابا ئۇلانما لىنىيەسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى. بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2267 مېتىر، ئېگىزلىكى 126 مېتىر بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى ئېگىز كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئۇدا تۇتاشقان مەزمۇت قۇرۇلمىلىق كۆۋرۈك چات ئارىسى جەھەتتە شىنجاڭ بويىچە رېكورت ياراتقان. چوڭ كۆۋرۈكتە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى بىلەن سانجى ئارىسىدىكى مۇساپە 25 مىنۇتقا قىسقىراپ، قاتناش ئۈنۈمى %50تىن كۆپرەك ئېشىپ، ئۈرۈمچى-سانجى يولى قاتارلىق ھازىر بار بولغان يول تورىنىڭ قاتناش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى. كۆۋرۈك يۈزىدىكى قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى تۈز ھەم كەڭ بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، لىنىيە بويىدىكى كەسىپلەر رايونى ئۈچۈن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروت يولى بەرپا قىلىپ، «ئۈرۈمچى-سانجىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»نىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)










