11 -ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى كۆنچى كەنتىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلىقتا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پاختا يىغىش ماشىنىلىرى توختىماي ئۆتۈشۈپ پاختا يىغىۋاتاتتى. بۇ يىلقى پاختا يىغىۋېلىش مەزگىلىدە، لوپنۇر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى 400دىن ئارتۇق پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، پاختا يىغىۋېلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ قوشتى.
لوپنۇر ناھىيەسى كېۋەز تېرىشتا تېرىش، ئېتىز پەرۋىشىدىن ھوسۇل يىغىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم «ئوسا قىلماي تېرىپ تېمىتىپ سۇغىرىش»، قوش يوپۇق يېپىش، مۇۋاپىق پەيتتە بالدۇر تېرىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق، سۇ بايلىقىنى تېجەپ، پاختىنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى. كىلىمات سەۋەبىدىن، بۇ يىل بۇ ناھىيەدە پاختا يىغىۋېلىش بۇلتۇرقىدىن كېيىن بولدى، 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يىغىۋېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۆلچەرلەندى.



(ئاپتورلار: ۋاڭ جىپېڭ، پەرھات ئابلىمىت خىزمەت ئورنى: لوپنۇر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






