
11-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىخو شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى كوچا باشقارمىسى بېييۈەنچۈن مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزى «يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەيمەي توشۇغۇچى قاتارلىق يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىخو شەھىرى «پونكىت+» باش تېمىسىدىكى غەمخورلۇق قىلىش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سىرتتا خىزمەت قىلىدىغانلارنى قايناق سۇ بىلەن تەمىنلەش، ساغلاملىق بويىچە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش، مۇرەسسە قىلىپ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئېلىپ باردى. لى رېنشى فوتوسى

11-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىشچى گازىر يىغماقتا. ئارال شەھىرى يۈنلياڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش چەكلىك شىركىتى بۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى تۇەن بازىرى ۋە ئاۋات ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يېزا-بازارلىرىدىكى 80 مىڭ مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، مۇقىم بولغان «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» تىجارەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتاپپەرەس كەسپىنى زورايتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، تېرىقچىلىق، ئىنچىكە پىششىقلاش، ساقلاش، تەمىنلەش-سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. چېن جيەنشېڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار سانجى شەھىرى سەنگۇڭ بازىرىدىكى سانجى جىتۇ تېز يەتكۈزۈش مەشغۇلات مەركىزىدە تېز يوللانمىلارنى بىر تەرەپ قىلماقتا. «قوش 11»دىكى ئەشيا ئوبوروتى يۇقىرى پەللىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، بۇ جايدىكى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېز يوللانمىلارنى ۋاقتىدا ئايرىش ۋە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى






