ئىلى نۆل ئارىلىق ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىلى قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى، غۇلجا شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە ئورۇن بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 11دە، ئىلى دەرياسى 3-كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىلى دەرياسى 3-كۆۋرۈكى تۈرى(1-قارارلىق) قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇش-تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تاماملىنىپ، قاتناش باشلاش شارائىتى ھازىرلانغان.

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئىلى دەرياسى 3-كۆۋرۈكى.
ۋاڭ فۇجيې فوتوسى
ئىلى دەرياسى 3-كۆۋرۈكى غۇلجا شەھىرى بىلەن چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان دەريادىن ئۆتۈش مۇھىم يولى بولۇپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ «يەتتە تىك يۆنىلىشلىك، ئۈچ توغرا يۆنىلىشلىك، بىر ئايلانمىلىق، يەتتە چاچما لىنىيەلىك» يىرىك پىلان يول تورىدىكى 5-تىك يۆنىلىشلىك لىنىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 624 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.86 كىلومېتىر، كەڭلىكى 23.5 مېتىر كېلىدۇ. ئاساسىي كۆۋرۈك «ھالقىپ ئىلگىرىلەش، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئۈستىگە چەمبەر شەكىللىك ئۈچ ئايلانما ياساش، ئاساسىغا تۆت تۈۋرۈك قويۇش، يان تەرىپىگە يانتۇ سىم تارتىشتىن ئىبارەت ئاسما كۆۋرۈك لايىھەسىنى قوللانغان، ئاساسىي ھالقىمىسى 492 مېتىرغا يېتىدۇ.
ئىلى دەرياسى 3-كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، قورغاس ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى غۇلجا كەسىپلەر باغچە رايونىدىن چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگىچە بولغان مۇساپە بىر سائەتكە يېقىن قىسقىراپ، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇب-شىمال ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى بوغما ھالەتنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا توشۇش ۋە ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






