
خوتەندە سەيلە-ساياھەت قىلغانسېرى يېڭى بايقاشلارغا ئېرىشىسىز
سىز بۇنى يىپەك يولىدىكى قەدىمىي تۈس دەپ قارايسىز، لېكىن بۇ پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نۇقتا
ئەمەلىي تەپسىلات مۇنداق:
ئالدىنقى بىر سېكۇنتتا، ھەممە جاينىڭ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەللىكىنى ھېس قىلىسىز
كېيىنكى بىر سېكۇنتتا، خىيالىي دۇنيادىكى سىرلىق مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ

خوتەندىكى فېيسۈي كۆلى
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان
كوئېنلۇن تېغىدىكى ئېرىگەن قار-مۇز سۈيى
بىلەن سۈنئىي ئېكولوگىيەنى تۈزەش نەتىجىسىدە
ئورتاق بەرپا قىلىنغان فېيسۈي كۆلى
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ «قۇملۇقتىكى يېشىل تاش» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن

ئۇنىڭ شەكىللىنىش مەنبەسى خوتەن ناھىيەسى يولغا قويغان ئېكولوگىيەلىك كەلكۈن باشلاش قۇرۇلۇشىدۇر
شۇ جاي كەلكۈن مەزگىلىدە كەلكۈننى ئىلمىي تەڭشەش ئارقىلىق
قۇملۇق بويىدىكى توغراقلىقنى سۇغىرىش
يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە
سۇ، قۇملۇق، دەل-دەرەخ بىر-بىرى بىلەن ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن ئاجايىپ مەنزىرە ھاسىل قىلغان

كۆل سۈيىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ قويۇقلۇق پەرقى سەۋەبلىك
قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى بىلەن
كۆل يۈزىدە مول قاتلاملىق يېشىل رەڭ نامايان بولغان
سۇس يېشىل رەڭ يەنىمۇ قېنىقلىشىپ
خۇددى بېزەك بۇيۇملىرىغا ئوخشاش
ئالتۇن رەڭلىك قۇم دېڭىزىدا يېشىل مارجاندەك تاشلىنىپ تۇرىدۇ

سەھەردە يېشىل تاش كۆلى خۇددى ئەينەك يۈزىدەك تىپتىنچ بولۇپ
كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ۋە توغراقلىقنىڭ شولىسى چۈشۈپ تۇرىدۇ
كۈن ئولتۇرغاندا
كەچكى قۇياش كۆل يۈزىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىدۇ
سۇ قۇشلىرى سۇ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەندە
گۈزەل مەنزىرە نامايان بولۇپ، قانداقلا تارتسىڭىز سۈرەتلەر شۇقەدەر چىرايلىق چىقىدۇ


ھازىر دەل فېيسۈي كۆلىدە سەيلە-ساياھەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت
توغراق، قۇملۇق، كۆل سۈيى بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ
ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ
ئىلگىرىكى بۇ چۆللۈك
ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن
كۆپچىلىككە ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ
ئىناق بىللە ئۆتۈشىدەك تەسىرلىك ھېكايىسىنى بايان قىلماقتا
ۋاقتىڭىز بولسا كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ

تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر بولغان كىچىك شەھەردىن كۆپچىلىككە چەكسىز خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغان سىرلىق مۇھىتقىچە، بىر قېتىملىق سەيلە قىلىش، N قېتىملىق «بوشلۇقتىن سەكرەش» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خوتەندە ئوينىغانسېرى ئىگە بولىدىغان ئۇنتۇلماس خاتىرىلەردۇر.
ئەلۋەتتە، بۇ چوقۇم ھەممىسى ئەمەس. خوتەندە يەنە سىز ئويلاپمۇ باقمىغان يېڭىقلار بار، ئۇلار سىزنىڭ بايقىشىڭىزنى كۈتمەكتە.
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






