تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئېسىل نازۇنېمەت! تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدە بېقىلغان ئاۋسترالىيە چوڭ راكى بازارغا سېلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 

يېقىندا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى

شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى 

يېڭىئېرىق يېزىسى تولغانجى كەنتىدە

120 مىڭ دانە ئاۋسترالىيە كۆك چوڭ راكى بازارغا سېلىندى

 «قۇملۇقتا ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىش تەس» دەيدىغان ئىلگىرىكى قاتمال تەسىرات

بۇ بىر توپ ھاياتىي كۈچكە تولغان چوڭ راك تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ تاشلاندى

يېڭى، تىرىك چوڭ راكنىڭ قاسرىقى پارقىراق، راك سېرىقى توق بولىدۇ

بۇنىڭ ئارقىسىدا قانداق سىر بار؟

تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش سىستېمىسى + ئايلانما سۇ تازىلاش تېخنىكىسى

قۇرغاق قۇملۇقتا چوڭ راك ئۈچۈن بىر «راھەت ئۆي» قۇرۇپ بەردى

سۇ سۈزۈك، تېمپېراتۇرا مۇقىم بولۇپ، چوڭ راكلار ناھايىتى خاتىرجەم تۇرىدۇ

ئاۋسترالىيە چوڭ راكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدە پىلتىڭلاپ ئويناپ

پەقەت كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەگمە سىزىقىنى سىزىپلا قالماي

تېخىمۇ مۇھىمى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ مەدھىيە ناخشىسىنى ياڭراتتى

قۇملۇقنىڭ چېتىدىن كەلگەن بۇ مەززىلىك تەمنى

تېتىپ باقمامسىز؟

(ماتېرىيال مەنبەسى: شىنجاڭ بىڭتۇەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.