□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
باش قىشتىكى شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئوتلاقلار كۈمۈش رەڭگە پۈركەندى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توغراقلىقلار ئالتۇن رەڭگە كىردى. ھەيۋەتلىك، ئۆزگىچە، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ئىچىدە، ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىيات كەيپىياتى تېخىمۇ نامايان بولدى.
ئەمدىلا ئاياغلاشقان پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بۇرغىسى چېلىندى. ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «14 - بەش يىل»دىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ «15 - بەش يىل»دىكى يېڭى مۇساپىگە يۈرۈش قىلماقتا.
جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسى مۇستەھكەملەندى
11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، 12 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەر مەزگىلىدە، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەكتەپلەر، كۆرگەزمە سارايلىرى، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق كەيپىياتى ۋە تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ھېس قىلدى.
«شەھەرلەرنىڭ قاتنىشى قولاي ئىكەن، ئىقتىسادى گۈللىنىپتۇ، جەمئىيىتى مۇقىم ئىكەن، ھەر مىللەت خەلق ئىناق تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، مەن بۇ جايدىكى غايەت زور ھاياتىي كۈچنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېدى تۈركمەنىستان سودا ۋە تاشقى ئىقتىساد ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى بايمۇرادوف بايمۇرات.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن شىنجاڭغا تۈركۈم - تۈركۈملەپ كېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تومۇرى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى. يەنە نەچچە يۈز مىليون ساياھەتچى شىنجاڭغا كېلىپ، ھەيۋەتلىك - گۈزەل تاغ - دەريالاردىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى، ئۆزگىچە كوچىلارنى توختىماي ئايلاندى، سەمىمىيلىك بىلەن: «شىنجاڭ ياخشى جاي!» دەپ ئالقىشلىدى.
جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا: «شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇستەھكەملىنىشىگە تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ ھەر مىللەت ئامما ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىدىكى جەمئىيەت مۇھىتى ئەڭ بىخەتەر بولغان، مۇقىملىق ۋەزىيىتى كىشىنى ئەڭ خاتىرجەم قىلىدىغان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى قوللىنىپ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلدى.
قانۇنچىللىق ئارقىلىق جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى − قانۇنچىللىقنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتتى؛
ياخشى قانۇن بىلەن ياخشى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى − 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يەرلىك نىزام، يەككە نىزامدىن جەمئىي 874نى تەستىقلاپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛
قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئومۇمىي خەلق قانۇنچىللىق ئېڭىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى − پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق - تەربىيەسىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بىلىملىرىنى مەھەللە، يېزا - كەنت، مەكتەپ، كارخانىلارغا يەتكۈزۈپ، قانۇنچىللىق ئېڭىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىگە، تۇرمۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى.
دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى تۈزۈمگە باغلىق، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى، بەخت - سائادىتى ئىدارە قىلىشقا باغلىق. مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مەنبەدىن تىزگىنلەپ، شىنجاڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل تۈردە مۇقىم بولۇشتىن ئىدارە قىلىنىشقا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى، تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم بولغان، گۈللەنگەن، خاتىرجەملىككە تولغان دەۋر يېڭى مەنزىرىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كەڭ نامايان بولدى.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى
«شىڭگۇاڭ ياشانغانلار خور ئۆمىكى»نىڭ ئەزالىرى چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى» دېگەن ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتتى؛ بالىلار جىڭجۈ تىياتىرىدىكى كىلاسسىك تىياتىر نومۇرلىرىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى تەرتىپلىك، رەتلىك ھالدا ئۆلچەملىك ئورۇنلىدى... ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدىن ئىبارەت بۇ كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىگە نىسبەتەن بۇ ئىشلار بۇرۇنلا ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئايلانغانىدى.
«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، بەختلىك ماكان بەرپا قىلىمىز.» بۇ مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋۋېن مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئاھالە باش شۇجى ئېيتقاندەك «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىمىز».
ئانارگۈلى ئېچىلدى، ھەممە قەلبداش بولدى. شىنجاڭنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، ئەڭ مۇھىمى كىشىلەر قەلبى.
9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن تەبرىك تاختىسىنى تەقدىم قىلدى. 22 خەتلىك تەبرىك تاختىسىنىڭ ۋەزنى زور بولۇپ، باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ چوڭقۇر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك گىرەلەشتى.
چۆچەك شەھىرى قارا دۆڭ مەھەللىسىدە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق 14 مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، %30تىن ئارتۇق ئائىلە كۆپ مىللەتتىن بولغان ئەزادىن تەركىب تاپقان؛ ئۈرۈمچى چوڭ بازار، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، غۇلجا ئالتە شۇئار كوچىسى، خوتەن تۇەنچېڭ قاتارلىق جايلاردا كۆپ مىللەت بىرلىكتە ئەمگەك قىلىدىغان، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مەنزىرە دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى؛ «ئەڭ گۈزەل ئانا» ھەنىپە ئالىماخۇن، «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» ۋۇ دېڭيۈن قاتارلىقلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەيدىغان، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇرماقتا.
تارىختىن كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشقىچە، ئەنئەنىۋىلىكتىن زامانىۋىلىققا قاراپ مېڭىشقىچە، كۆپ خىللىقتىن بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشقىچە، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش باشتىن - ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى بولۇپ كەلدى.
تۈن پەردىسى يېيىلىپ، تۇرپاننىڭ يارغول قەدىمىي شەھىرىگە كىرگەندە، قېلىن قەغەزدىن ياسالغان قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك چىراغلارنىڭ يول بويىغا رەتلىك تىزىلغانلىقىنى، ئەتراپنىڭ قەدىمىي تۈس ئالغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. خارابىدىكى نۇر ئارقىلىق سايە چۈشۈرۈش كۆرگەزمىسىنىڭ پەردىسى ئاستا - ئاستا ئېچىلدى، لى بەينىڭ ئوبرازى، تاشكېمىرلاردىكى تام سىزمىلار، قەدىمىي شېئىر - نەزمىلەر قاتارلىق ئامىللار بىر - بىرلەپ نامايان قىلىنىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرىسى يەنە بىر قېتىم جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تارىخ بىلەن مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ھېس قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.
يارغول قەدىمىي شەھىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ مىڭ يىللىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يېڭى دەۋر ھېكايىسىنى بايان قىلىشتىن مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ 2024 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرىشىگىچە، يەنە شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى قاتارلىق بىر قاتار مەدەنىيەت يېڭى يەر بەلگىلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىپ قۇرۇلۇشىغىچە... شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىغا گۇۋاھ بولغان تۈركۈم - تۈركۈم مەدەنىيەت مىراسلىرى جانلىق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تېخىمۇ جانلىق شەكىلدە قەلبلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇندى
«بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان» «ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق» بولغان شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى روشەن، ئېنېرگىيە بايلىق ئۈستۈنلۈكى زور.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك».
تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.
ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى مەشغۇلات مەيدانىغا كىرگەندە، ماشىنىلار ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولۇپ تۇراتتى. بۇ يەردىن يولغا چىقىپ، يول بويى غەربكە قاراپ مېڭىپ، جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئىككى كۈندە قازاقىستانغا، سەككىز كۈندە رۇسىيەگە، 16 كۈندە گوللاندىيەگە يېتىپ بارىدۇ.
ئۈرۈمچى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، «يول + تۈگۈن +تور» زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسىغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلاندى.
شىنجاڭ ئىلگىرى ئۇزاققىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېچىۋېتىش خەرىتىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچ بەلبېغىدا تۇرۇپ كەلگەنىدى، ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە ئاسىيا - ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان «ئالتۇن يول»نى بەرپا قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى تېخىمۇ قولايلىق، رايونلار ھەمتۈرتكىسى تېخىمۇ قويۇق بولدى؛ %60تىن ئارتۇق يېرى چۆللۈك بىلەن قاپلانغان بولۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، قۇملۇق، چۆللۈك، شورلۇق يەردىن ھوسۇل ئالدى، ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇنغا ئۆتۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ «غەربىي قىسىم ئاشلىق ئامبىرى»غا ئايلانماقتا؛ ئون چوڭ شامال رايونى، بەش چوڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيە رايونى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش بازىسىغا ئايلىنىپ، مەملىكەت بويىچە 22 ئۆلكىدىكى ھەممە ئائىلىنىڭ چىراغلىرىنى يورۇتتى... بۈگۈنكى شىنجاڭدا، بايلىق ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلانماقتا.
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى − كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى خامچوت چىقىمىدا %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىش ساقلاندى؛ 2024 - يىلى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانى كۆپىيىپ 13 مىليون 910 مىڭغا يەتتى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى؛ يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى... شىنجاڭ «تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىش يولىدا پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىدى.
«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، «15 - بەش يىل»نى ئىلمىي پىلانلاش ۋە كۈچ توپلاش ئارقىلىق، ئۇلۇغۋار پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا پۇختا ئاساس سېلىنغۇسى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، شىنجاڭ يەلكەن چىقىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولدى.






