تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

كەسىپ زەنجىرىدە بايلىق يارىتىلدى  شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

   شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىغا كەڭ تارقالغان، ھازىر شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلدى، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى مەنزىرىسى نامايەن بولماقتا.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچە رايونى يېنىك سانائەت كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ تەيشېڭ تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «يىپ ئىگىرىش، توقۇش، كىيىم-كېچەك»تىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى تېز بەرپا قىلىپ، نۇرغۇن باشلامچى كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. خې لۇڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 4-كۈنى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ تيەنرەن فاڭشياڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى رەقەملەشتۈرۈلگەن، ئاقىللاشتۇرۇلغان سېختا مەشغۇلات قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، پىششىقلاپ، يەتتە تۈردىكى 300دىن ئارتۇق يەككە مەھسۇلاتنى لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى تاماملىدى. شيا لېي فوتوسى

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرى نىڭبو-كۇچا جېنشىڭ كەنتىدىكى نەۋباھار دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتماقتا. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2016-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يىللىق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سوممىسى 2 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. ليۇ دىڭ فوتوسى

سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ تىيانشان ئۇنچىلىق (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش سېخى(11-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان). بۇ شىركەت كۈنىگە 1300 توننا بۇغداي ئۇنى پىششىقلايدۇ، مەھسۇلاتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىشچىلار توقسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاق سودا بازىرىدا ياڭاقلارنى ئايرىپ قاچىلىماقتا. بۇ ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى تېرىپ ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيە ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە سېتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. ۋېي خاۋدۇڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەكىت ناھىيەلىك چىلان كەسپى تەتقىقات ئورنى تەجرىبىخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى يېتىشتۈرۈلگەن چىلان مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكىت ناھىيەسى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرولۇق موتور قىلىپ، چىلان كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون خاسلىقى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، چىلان كەسپىنى خەلقنى بېيىتىپ ناھىيەنى روناق تاپتۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندۇردى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

11-ئاينىڭ 5-كۈنى، پوسكام ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ شىنزې ئاشلىق-ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى 250 گىراملىق ئوراپ قاچىلىنىدىغان ياڭاق يېغىنى بوتۇلكىغا قاچىلىماقتا. بۇ شىركەت يىلىغا 1500 توننا ياڭاق يېغى ئىشلەپچىقىرىدۇ، مەھسۇلاتى ئىستېمالچىلارنىڭ بەكلا ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. جاڭ يۈن فوتوسى

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.