ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش ۋە يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش تېخنىكىسى تەرەققىيات مۇنبىرى ھەم 2025—2024-يىللىق(10-نۆۋەتلىك) جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى گۇاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ جېنخۇا «قۇرغاق رايونلاردا سۇ تېجەپ سۇغىرىش نەزەرىيە تېخنىكىسى ۋە ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنە» ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، 2025—2024-يىللىق(10-نۆۋەتلىك) جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ شەخسلەر مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى(پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى مۇكاپاتى)غا ئېرىشىپ، بۇ يىل غەربىي شىمال رايونى بويىچە بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇپ قالدى.

11-ئاينىڭ 8-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش ۋە يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش تېخنىكىسى تەرەققىيات مۇنبىرى ھەم 2025-2024-يىللىق(10-نۆۋەتلىك) جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى گۇاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى تەمىنلىگەن سۈرەت
پىروفېسسور ۋاڭ جېنخۇا قۇرغاق رايونلاردا سۇ تېجەپ سۇغىرىش نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللىنىپ، قۇرغاق رايونلاردا سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇش بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا قارىتا، بوستانلىقلاردا يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش بىلەن شورلۇق يەرنى تۈزەشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توپلاپ، پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، كۆلەملەشتۈرۈپ ئۇزاق مۇددەت تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان ئېتىزلاردىكى تۇز تەركىبىنىڭ زامان-ماكان ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ۋە ئۇنىۋېرسال تەڭشەش-تىزگىنلەش نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىسى، تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان زىرائەتلەردىكى سۇ، ئوغۇت، تۇزنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەش-تىزگىنلەش نەزەرىيەسى ۋە يېڭى تىپتىكى تېمىتىپ سۇغىرىش ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
بولۇپمۇ پىروفېسسور ۋاڭ جېنخۇا كوللېكتىپنى يېتەكلەپ يېڭىلىق يارىتىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان قۇرغاق رايونلاردىكى ئاساسلىق ئاشلىق، پاختا، مېۋىلەرنى تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ تېجەش، شورنى تىزگىنلەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا خاس باغۋەنچىلىكتە باستۇرۇپ سۇغىرىشنى تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئۆزگەرتىش، شىمالىي شىنجاڭدا بۇغداي ۋە ئېڭىز زىرائەتلىرىنى تېمىتىپ سۇغىرىشتا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت سۇلياۋ يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش ئارقىلىق تېرىلغۇ قەۋىتىدىكى تۇپراققا تۇز يىغىلىپ قېلىش-قالماسلىق توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشىغا جاۋاب بېرىپ، خەلقئارادا سۇلياۋ يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ تەشكىللىگەن كوللېكتىپ يەنە يېڭى تىپتىكى تېمىتىپ سۇغىرىش سۇ قاچىسى، ئوغۇتلىغۇچ، سۈزگۈچ قاتارلىق تېمىتىپ سۇغىرىشتىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، كۆپ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكۈزدى ھەم شىنجاڭ ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە كەڭ قوللىنىپ، رايون سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى خىزمىتى ئىشخانىسى 2009-يىلى 11-ئايدا تەستىقلاپ بېكىتكەن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش ۋە يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش ۋە يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ساھەسىدىكى ئالىي مۇكاپات ۋە بىردىنبىر مۇكاپات تۈرى بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش ئىلمىي تەتقىقاتى، تېخنىكا كېڭەيتىش، پىلانلاش، لايىھىلەش ۋە باشقۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان شەخس ياكى تەشكىلاتلارنى مۇكاپاتلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش پەن-تېخنىكا نەتىجىسى مۇكاپاتىدىن 49 تۈرنى، شەخسلەر مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئون كىشى(بۇنىڭ ئىچىدە پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ كىشى، باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككى كىشى، ياش ئىختىساسلىقلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بەش كىشى)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






